编曲 : 无
پىشىمدىن تارتمايتۇر مېنى قېرىلىق
سۆيگىلى يېنىمغا جانان كەلمەكچى
پىشىمدىن تارتمايتۇر مېنى قېرىلىق
سۆيگىلى يېنىمغا جانان كەلمەكچى
چوكانلار تاراندى يەنە باشقىدىن
سۆيگۇ دەپ قىزلاردىن سالام كەلمەكچى
چوكانلار تاراندى يەنە قايتىدىن
سۆيگۇ دەپ قىزلاردىن سالام كەلمەكچى
مۇزىكا
جۇدالىق تۈگەيدۇ ۋىسال پەيتى بۇ
ئايرىلىپ كەتكەن يار ھامان كەلمەكچى
ساقلايمەن ئۇلارنى مۇشۇ يەردە ھەم
كۆزىدە ياشلىرى تارام كەلمەكچى
ساقلايمەن ئۇلارنى مۇشۇ يەردە ھەم
كۆزىدە ياشلىرى تارام كەلمەكچى
مۇزىكا
ئوينىغۇم بار مېنىڭ گۆدەكلەر بىلەن
توختاپ تۇر لەگلەك ھەم چانام كەلمەكچى
ئوينىغۇم بار مېنىڭ گۆدەكلەر بىلەن
توختاپ تۇر ، لەگلەك ھەم چانام كەلمەكچى
مەرىكەمنىڭ بېشىدا قەدىردان دادا
قولىدا چاچ قىسىپ ئانام كەلمەكچى
مەرىكەمنىڭ بېشىدا قەدىردان دادا
قولىدا چاچ قىسىپ ئانام كەلمەكچى
قولىدا چاچ قىسىپ ئانام كەلمەكچى