作词 : Yasin muhpul
作曲 : Yasin muhpul
编曲 : arkin ablak/Yasin muhpul
«كاككۇك قونغان تال»
تىكىستى:ياسىن مۇخپۇل
مۇزىكىسى:ياسىن مۇخپۇل
ئاككورتلاشتۇرغۇچى:ياسىن مۇخپۇل
ئورۇنلىغۇچى:ئەنسار ئەرشىدىن
بىر مەلىدە چوڭ بولۇپ ئىجىل ئىناق ئوينىشىپ
گۈلشەنلىكتە چىمەندە كىپىنەكلەر قوغلىشىپ
بىر مەلىدە چوڭ بولۇپ ئىجىل ئىناق ئوينىشىپ
گۈلشەنلىكتە چىمەندە كىپىنەكلەر قوغلىشىپ
ئايلار ئۆتتى يىل ئۆتتى ئۆمرۈم ئۆتتى نى كەتتى
ئالتە كۈنلىك ئالەمدە كىم مۇرادىغا يەتتى
كاككۇك قونغان تال بىلەن ئاستا ئۇرۇپ مەن سىنى
كاككۇك ئاشىقى زەينەپ بەرسىكەن دەپ رېشتىنى
مۇزىكا
ئاشۇ قىلغان شوقلىغىم بالا بولدى بىشىمغا
كەتتىڭ يىراق يىنىمدىن ھىچ كەلمىدىڭ قىشىمغا
ئاشۇ قىلغان شوقلىغىم بالا بولدى بىشىمغا
كەتتىڭ يىراق يىنىمدىن ھىچ كەلمىدىڭ قىشىمغا
كاككۇك يەنە سايرىدى بىز كۆرۈشنىڭ ئالدىدا
كاككۇك كىلىپ سايرىغان سۆيگەت تالنىڭ ئالدىدا
كاككۇك قونغان تال بىلەن ئاستا ئۇرۇپ مەن سىنى
كاككۇك ئاشىقى زەينەپ بەرسىكەن دەپ رېشتىنى
كاككۇك قونغان تال بىلەن ئاستا ئۇرۇپ مەن سىنى
كاككۇك ئاشىقى زەينەپ بەرسىكەن دەپ رېشتىنى
بەرسىكەن دەپ ئىشقىنى