作词 : Mutallipjan Kawul
作曲 : Mutallipjan Kawul
كۆرگۈڭ كەلدىمۇ جانىم كىم بىلەن يۈرگەنىمنى

ئەسلەپ قويامسەن دائىم جانىم سېنىلا سۆيگەنىمنى

ئايدىڭ كېچىلەر كەتتى شېرىن كېچىلەر كەتتى

تىڭشاپ ياتقانسەن ئەمدى جانىم مۇڭلۇق شۇ كۈيلەرىمنى

ئەلبۇمنى ئېچىپ دائىم كۆرگەنسەن سۈرەتىمنى

باسقانسەن لەۋلەرىڭگە جانىم جانسىز شۇ لەۋلەرىمنى
باسقانسەن لەۋلىرىڭگە جانىم جانسىز شۇ لەۋلەرىمنى.
ئايدىڭ كېچىلەر كەتتى شېرىن كېچىلەر كەتتى
ئايدىڭ كېچىلەر كەتتى شېرىن كېچىلەر كەتتى
مېنى بۇندا قالدى دىمە كۆڭلۈم سەن بىلەن كەتتى

كىردىمۇ چۈشلەرىڭگە يۇرتىمىز كوچالارى
كىردىمۇ چۈشلەرىڭگە يۇرتىمىز كوچالارى
ئېرىپ ئېرىپ قار كەبى جانىم ئەسلەمسەن دېكابىرنى
ئېرىپ ئېرىپ قار كەبى جانىم ئەسلەمسەن دېكابىرنى
ئايدىڭ كېچىلەر كەتتى شېرىن كېچىلەر كەتتى
ئايدىڭ كېچىلەر كەتتى شېرىن كېچىلەر كەتتى
سۆيۈلسەڭ ھەربىر نۆۋەت جانىم ئۇنتۇپ كېتەرسەن مېنى
سۆيۈلسەڭ ھەربىر نۆۋەت جانم ئۇنتۇپ كېتەرسەن مېنى
ئۇنتۇپ كېتەرسەن مېنى