سەنسىز قانداق كۆنىدۇ ؟ مەندىكى بۇ يۈرەك
باشقا گەپنى دېگۈم يوق ماڭىلا پەقەت سەن كېرەك
كېتىشنى تاللىدىڭ سەن مۇھابەتنى ئالدىدىڭ
كەينىڭدىن يۈگۈرسەممۇ بولدى توختاپ قال دىدىڭ
ئاشۇ كۆڭۈل ئاشۇ سۆيگىنى بەربات قىلدىڭ بىراقلا
سەن يىراقتا قولۇمدا يوللىرىمىزنى ياندۇرىدىغان چىراغ با
سەن لېكىن ئاجىز كۆردۈڭ قەلبىمنىڭ نۇرى
تىرىشتىم مەزمۇت قىلاي دەپ مەن سۆيگۈمىزنىڭ ئۇلىنى
شۇنچە شېرىن ئەسلىمە ھەم كەلگۈسىنى تۈگەتتىڭ
ساڭا كۆنگەن تۇرمۇشۇمغا يالغۇزلۇقنىمۇ ئۆگەتتىڭ
بۇرۇن سېنىڭ ئوڭ قاناتىڭ ھازىر بوپتىمەن ناتونۇش
ئەسلىمە پەقەت مېنىڭ كۆزۈمدە مۇمكىن ئەمەس ئۇنتۇش
كۈلكىنى بەخىتنى ساڭا بېرەي قايغۇنى قويۇپ كەت
پارچە ئەسلىمىنى تاشلاپ يۈرىكىڭنى ئويۇپ كەت
قولۇمنى سىلكىۋەتتىڭ خۇشال بولساڭ بولدى كىتىۋە
مەن قالاي زېمىستاندا بولدى مۇرادىڭغا يېتىۋە