مەستان يار
ئالتۇن بىلەن رەنانى مەن يارغا تۇتاي دەيمەن
مەي بەرسە ئەگەر يارىم ئاندىن بىر قەترە تۇتاي دەيمەن
مەستان يار يارەي شېرىن يار يار شېرىن ئايارەي
مۇزىكا
بېغىمغا كىرەر بولساڭ قولۇڭغا پەنەر ئالغىن
قېشىڭغا باراي دەيمەن ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن
مەستان يار يارەي شېرىن يار يار شېرىن ئايارەي
مۇزىكا
ئالمىخان دەپ ئاڭلىدىم بەلنى مەھكەم باغلىدىم
ئالمىخان سەن يار ئۈچۈن جېنىمنى قۇربان ئەيلىدىم
مەستان يار يارەي شېرىن يار يار شېرىن ئايارەي
مۇزىكا
ئالمىخان دەيمۇ سېنى گۈلشەدىخان دەيمۇ سېنى
باغدا پىشقان ئالمىدەك ئۈزۈپ ئالايمۇ سېنى
مەستان يار يارەي شېرىن يار يار شېرىن ئايارەي