作词 : Rahmanjan Awut Ozhal
چىيى يۇق پىيالە بولسىلا يىتەر
مەن ئۇنى قەدەھ دەپ خىيال قىلسام بەز
سىردىشىم شۇ دەمدە غىرىپ گىتتاردۇر
گىتتارنىڭ ئۈنىدە قەلبىم بولار مەس
سازىمنى چالىمەن ئىھتىياد بىلەن
خۇشنىلار سەزمەستىن ئاڭلىغاي ئۇنى
ھەممىنى ئال دۇنيا ساڭلا بىرەي
قىزغىناي مۇڭ باسقان غىرىپ كۈيۈمنى
ساز ماڭا جاناندۇر مەيدۇر كەيىپتۇر
يالغۇز قۇي ھەي ئىنسان مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەت ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئىرۇر يا پىراقتۇ
ئۈلپەتكە مۇھتاجمەن ئىنسانغا ئەمەس
مەن بىلەن مۇڭداشقىن دىلكەش گىتتارىم
ئۇنۇتۇپ كىتەرمەن دۇنيانى تامام
يالغۇر مۇڭ ئۈنىدە يۇقتۇر ئازارىم
مەن سازغا مىھمانمەن ئۇ ماڭا مىھمان
تەرىپلەش يا ئالقىش ھىچيادەرت ئەمەس
مال دۇنيا شان شۆھرەتكە قۇل بولما كۆڭلۈم
ھاياتنىڭ ئۇڭ سولى ئۇنىڭدا ئەمەس
ساز ماڭا جاناندۇر مەيدۇر كەيىپتۇر
يالغۇز قۇي ھەي ئىنسان مەندىن يىراق تۇر
غەم ھەسرەت دەت ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىقلىق شۇ ئىرۇر ياكى پىراقتۇر