作词 : Nuradil Turgun
قەلبىمدىكى قىزىل گۈلۈم سەن،
شەبنەملىرىڭ بەرگىڭگە تامغان.
چىرايلىقتىن زەپ چىرايلىق سەن،
قاراپ ساڭا مەن قاچان قانغان.
دىلبەر… دىلبەر...
ھېدلىرىڭدۇر ئىپارۇ ئەنبەر.
دىلبەر…دىلبەر…دىلبەر،
بەرگى ئوتقاش سەرۋىناز دىلبەر.
كۆز يېشىمدا سۇغىراي سېنى،
يۈرەكتىكى پەرۋىشىم بىلەن.
سېنىڭ جىسمىڭ جىسمىمغا قىياس،
ئۆچمەس-ئۆلمەس مۇھەببەت بىلەن.
دىلبەر… دىلبەر…
ھېدلىرىڭدۇر ئىپارۇ ئەنبەر.
دىلبەر…دىلبەر…دىلبەر،
بەرگى ئوتقاش سەرۋىناز دىلبەر.