作词 : Ozleshturulgen
作曲 : Ozleshturulgen
يۇلتۇزۇم
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
ئاۋاز ئۈنۈم ئۆزكۈي سىتودىيەسى شاۋكەت ئسخان
ئاككورتلاشتۇرغۇچى مۇراتجان مۇختەر
يۈرەگىمگە يېقىنسەن لېكىن ئاسماندىسەن يۇلتۇزۇم
تەنھالىقتا دىللار ئىچرە داستاندىسەن يۇلتۇزۇم
قانچە ئويناپ قانچە كۈلمە بۇ كۆڭۈل بوستانىدا
تەن ئال سەن ھەم مەن كەبى بىر ئارماندىسەن يۇلتۇزۇم
يۇلتۇزلار كۆپ لېكىن ھەم يالغۇزلىغىڭ بىلىمەن
تەغدىر ئالدىدا سەن ۋە مەن ھەم ئاجىزلىغىڭ بىلىمەن
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم ئاسماندىكى يۇلتۇزۇم
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم ئارماندىسەن يۇلتۇزۇم
مۇزىكا
ئىككىمىز ھەم تەلمۈرىمىز غايىبانە بەخت تامان
ئەمما ئۇ بەخىت كېلىشىنى بىلمەس ھېچكىم يۇلتۇزۇم
بىز سىرداشقان شۇ كوچىلار غازانلارغا ئايلاندى
بىز كۈتكەن شېرىن مۇھەببەت كۆپۈكلەرگە ئايلاندى
ھېچكىمدە يوق سۆيگۈ دېگەن زور تۇيغۇلار يۇلتۇزۇم
پەقەت بىزنىڭ پەقەت بىزنىڭ ناخشىمىزدا كۈيلەندى
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم ئاسماندىكى يۇلتۇزۇم
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم ئارماندىسەن يۇلتۇزۇم
مۇزىكا
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم ئاسماندىكى يۇلتۇزۇم
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم ئارماندىسەن يۇلتۇزۇم
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم ئاسماندىكى يۇلتۇزۇم
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم قەلبىمدەسەن يۇلتۇزۇم