作词 : 努尔买买提·米吉提
作曲 : 西尔艾力·迪力穆拉提
دەرتمەن
ھېچبىر ئىنسان دەرتلىرىمگە بولمىغاچ دەرمان
تۇتتۇم شۇڭا سىرلىرىمنى يۈرەكتە پىنھان
دەرتلىرىمگە دەرتلەر قوشتى دوستۇم دىگەنلەر
ئەزدى دەرتمەن يۈرەگىمنى بۇ ئاچچىق يالغان
شىرىن سۆزلەر ئاھۇ كۆزلەر ئالدىدى مىنى
دوست بۇرادەر مۇھەببىتىم دىگەنلەر قېنى
چۈشەنمەيدۇ ئازابىمنى مەن كۈتكەن بىرى
ياكى خۇشال بۇلامدىكىن كەتسەم مەن نېرى
بوپتۇ كىتەي يىراقلارغا ئۇلار شاد كۈلسۇن
مەن كۆرمىگەن شۇ بەخىتنى ئۆزلىرى كۆرسۇن
ئەركەك ئۈزۈم ئۈكۈنمەيمەن بۇ قارا چۈشكە
بىۋاپالار سورىغىنى ۋىجدانى قىلسۇن