作词 : Mehmutjan Mamut麦合木提江
作曲 : Mehmutjan Mamut麦合木提江
编曲 : Mehmutjan Mamut麦合木提江
ئېزىپ يۈرگەن كوچىلاردىن كېتەي ئەمدى
قەدىرىم ئەككەن نادان ياردىن كېچەي ئەمدى .
يۈرەك قىيناپ تالاي كۈنلەر ئازار بەرگەن .
كۆڭلى قارا ، ۋاپاسىزدىن كېچەي ئەمدى .
يۈرەك قىيناپ تالاي كۈنلەر ئازار بەرگەن .
كۆڭلى قارا ، ۋاپاسىزدىن كېچەي ئەمدى .
بىۋاپانى سۆيگەنلىكىم يامان بولدى
قەدىرسىز بولۇپ يۈرگەنلىكىم ئايان بولدى .
تولا ئويلاپ چىرايىم ھەم سامان بولدى .
جانغا جاپا جانانلاردىن كېچەي ئەمدى .
تولا ئويلاپ چىرايلىرىم ، سامان بول دى
جانغا جاپا جانانلاردىن كېچەي ئەمدى
ئەزىز بىلسەم پاك سۆيگىنى ، خاراب ئەتتىڭ
يەرگە ئۇرۇپ غورۇرۇمنى مازار ئەتتىڭ .
ئەزىز بىلسەم پاك سۆيگۈنى ، خاراب ئەتتىڭ .
يەرگە ئۇرۇپ غورۇرۇمنى بازار ئەتتىڭ .
ھە تۈگىمەس ئازابلارغا دۇچار ئەتتىڭ .
كۆڭلى قارا ، ۋاپاسىزدىن كېچەي ئەمدى .
ھە تۈگىمەس ئازابلارغا قويۇپ كەتتىڭ .
ۋاپاسى يوق ، يالغانچىدىن كېچەي ئەمدى .
كۆڭلى قارا ، ۋاپاسىزدىن كېچەي ئەمدى .