作词 : Alxir
作曲 : Alxir
编曲 : Alxir
جېنىم ئاپا ، خاپا بولماڭ بولدى .
سىزنى يىغلىتىپ يۈرىكىم ئازابقا تولدى .
سىزنى رازى قىلالمىدىم ، لېكىن چوقۇم تىرىشىمەن .
ئۆزىڭىزگە قىلغان ئۈمىدنى ، مەن چوقۇم ئاقلىشىمەن .
مېنى باقىمەن دەپ ، بوش جاپا تارتمىدىڭىز .
مېنى كېچىچە ساقلاپ خاتىرجەم ياتمىدىڭىز .
قىش كۈنى قارلارنى ئۆزىڭىز تازىلاپ .
بالام ئوخلىۋالسۇن دەپ، مېنى ئويغاتمىدىڭىز .
مېنى ئوقۇتىمەن دەپ ھەممە يۈزلەندىڭىز .
ماڭا ئايدىن باشقا ھەممىنى ئېلىپ بەردىڭىز .
ئاشۇ چاغدا ئويلىسام يۈرۈكۈم ئېچىشىدۇ .
مەكتەپتە ئوقۇمايمەن دېسەم ماڭا تىزلاندىڭىز .
دۇنيا مېنى قەسلىۋەت رازىمەن ، سەندىن .
ئانامنى خار ، قىلغاندىن كېيىن ھەممە گۇناھ مەندىن .
يەي دۇنيا ئۆتۈنەي مەن سەندىن .
مەيلى كانىيىم پىچاق تىقىۋەت
كەچتىم مەن بۇ جاندىن .
مەن؛ ۋەي ئاپا
ئاپام؛ ئەلشىر بالام نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن چۈش بولاي دەپتۇ بالام قورسىقىڭ ئاچتىمۇ تاماق قىلىۋاتقان ئىدىم كېلەمسەن ئۆيگە .
مەن؛ ۋاي شۇنىڭغا تېلېفون قىلغانمۇ ئالدىراش مەن بولدى .
ئاپام؛ بالام ماۋۇ تاماقنى سېنى دەپ ئەتكەن ئىدىم سەن ئامراق تاماقنى ئەتكەنتىم.
جېنىم ئاپا ئوغلىڭىز سىزگە راستىنلا چىدىمايدۇ .
سىز ئەتكەن تاماقنىڭ باشقىسى ئاغزىمغا تېتىمايدۇ .
سىز مەن ئۈچۈن بەكلا ئۇلۇغ.
چۈنكى سىزدىن باشقا ئادەم مېنى بالام دەپ ئاتىمايدۇ .
مېنى باقىمەن دەپ ئۆزىڭىزگە قورۇق چۈشتى .
سىز بولغاچقا كېچىسى بىزنىڭ ئۆيدە چىراغ ئۆچتى.
تاماقنى جاپاتا ئىېتىپ ئۆزىڭىز قۇرۇق خېمىر يەپ .
ماڭا بەرگىنىڭىز قاپقارا گۆشتى .
سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئاغزىمدىلا دېيەلەيمە .
لېكىن ياخشى كۆرۈشۈمنى ، پەقەت ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن .
سىز قازاننى ئوچاققا ئالغاندا سىزگە ئوتانمۇ ئەكىلىپ بېرەلمىدىم .
يەنە ئاشۇ تاماقنى ئاغزىمغا سېپ يېيەلىدىم.
ئاپا ، سىز ماڭا مېھىر مۇھەببەتنى ئۆگەتتىڭىز .
ھەم ماڭغان يولۇم خاتا بولسا مېنى تۈزەتتىڭىز .
ئاپا ، سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىن بىر تامچە قان ئاقمىسۇن
گەپنىڭ ھەممنى دەۋالاي ، يۈرىكىمدە يارا قالمىسۇن.