作词 : ABU
作曲 : ABU/咔迩-kader
编曲 : ABU
为你创作:nurbiya
ئېلىپ كەلدى ھىدىڭنى شامال,
سېنى يەنە ئىسىمگە سېلىپ,
ئايمۇ غەمكىن گويا مەندەكلا,
تۇرار مەيۇس بوينىنى قىسىپ,
نىمىشقىكىن شۇنداق كۈنلەردە,
سەن يادىمغا يىتىسەن ئاۋۋال,
پىچىرلايمەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم,
سىرلىرىمنى يەتكۈزسۇن شامال,
يامان ئىكەن سېغىنىش دېگەن,
ئۆرتەيدىكەن دىللارنى ئەلەم,
يۈرەك كۈنسە بىراۋغا ئەگەر,
شامالغىمۇ يىغلاركەن ئادەم,
ھەي شامال ھەي شامال,
سىرلىرىمنى يەتكۈزسۇن شامال,
ھەي شامال ھەي شامال,
سىرلىرىمنى يەتكۈزسۇن شامال。