编曲 : Абдулсами-Ахмеди
تېكىست يازغۇچى :ئابدۇسەمى ئەخمەت
ناخشا ئورۇنلىغۇچى :ئۆمەرجان
ئىشىك ئالدىڭدا ماي يول يوقكەن ماڭغۇم كەلمەيدۇ
ۋاپاسى يوق يار بىلەن يۈرگۈم كەلمەيدۇ
ئاخشىمى بولسا يارنى ئويلاپ ئۇيقۇم كەلمەيدۇ
ئەتىگىنى بولسا كۈن چىققۇچە قوپقۇم كەلمەيدۇ
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ خېنىم زادى بولمايدۇ
سەن بولمىساڭ قېشىمدا زادى بولمايدۇ
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ خېنىم زادى بولمايدۇ
سەن بولمىساڭ قېشىمدا زادى بولمايدۇ
مۇزىكا
بەش مو يەرگە قوغۇن تىردىم پىلەكلىرى تۈز
ياڭزا ياڭزا قوغۇن چۈشتى ئۆزۈڭ تاللاپ ئۈز
سەنيار ئۈچۈن تاياق يېدىم بىر مىڭ ئالتە يۈز
يەنە يېسەم شۇنچە يەرمەن جانىم قارا كۆز
سەنيار ئۈچۈن تاياق يېدىم بىر مىڭ ئالتە يۈز
يەنە يېسەم شۇنچە يەرمەن جانىم قارا كۆز
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ زادى بولمايدۇ
سەن بولمىساڭ قېشىمدا زادى بولمايدۇ
مۇزىكا
داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق تاۋۇزى بەك تاتلىق
داۋانچىڭدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق
داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق تاۋۇزى بەك تاتلىق
داۋانچىڭدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق
قەمبەر خانىم قەمبەر خانىم يەلپۈپ قويايمۇ
يەلپۈگۈچنىڭ سايىسىدە سۆيۈپ قويايمۇ