作词 : Ali Kiroran
作曲 : Ali Kiroran
编曲 : Elzatjan
بارمىدى يار ژۈرۈگۈڭدە كۆيگۈنۈڭ ،
بەكمۇ شىرىن ئۆتكەن ئىدۇق تۈنۈگۈن ،
گۈلۈم ماڭا پاك سۆيگۈڭنى بەرمەپسەن ،
كۈرۈپ قالدىم ئۇچۇرۇڭنى مەن بۈگۈن ،
كىم بەك كۆيسە شۇنىڭمەن دەپ يېزىپسەن ،
ئۈزگىلەرنى رەت رېتىغا تىزىپسەن ،
شۇ تىزىشتا نىشانىڭدىن ئېزىپسەن ،
مىنى ئالداپ باشقىلارغا كۈيۈپسەن ،
ھەر سۈزۈڭدە ژۈرۈگۈڭنىڭ تۇمۇرى ،
ھەر يازماڭدا ئوخشاش لىۋىڭ مۆھۈرى،
ھەر بىر قۇردا بىردىن تېلفۇن نۇمۇرى ،
بۇلۇپتىمەن ساختا سويگۈڭ كۇزۇرى ،
بىلگەن بولسام كۆرمەس ئىدىم شۇ خەتنى ،
بىلگەن بولسام تارتماس ئىدىم بۇ دەرتنى ،
ئەشۇ خەتنى كۆرگەن كۈزۈم كور بولسۇن ،
ۋاي بىۋاپا قانداق ئۇنتاي مەن سىنى ،
خەيىر جانان بولسۇن ئۆتمۈش ئەسلىمە ،
بەس مۇھاببەت غۇرۇرۇمنى پەسلىمە ،
دىل بېغىمغا ئەمدى كەلمە دەسسىمە ،
ساختا سۆيگۈ ئەمدى مىنى بەزلىمە ،
ئاغرىپ كەتتى بۇ ژۈرۈگۈم سىنى دەپ ،
ۋاي بىۋاپا ئەمدى مىنى قەسلىمە ،
خەيىر بولسۇن ئۆتمۈش ئەمدى ئەسلىمە