作词 : Muhtar Mahsut
作曲 : Mahmut aBLIZ
قەدىرلىگىن ھاياتنى
سۆزى: مۇختەر مەخسۇت
مۇزىكىسى: مەخمۇت ئابلىز
ئاۋاز تەھرىرى: مەۋلان مەمتىمىن
ناخشىدا: گۆھەر ھوشۇر
♪
ھايات بىزگە قەدىرلىك شۇنچە
ياشىغانلار ياشاپ قانمىدى
ھايات بىزگە قەدىرلىك شۇنچە
ياشىغانلار ياشاپ قانمىدى
ياخشىلىقتىن قالۇر نام نىشان
ئۆچكەن شاملار قايتا يانمىدى
ياخشىلىقتىن قالۇر نام نىشان
ئۆچكەن شاملار قايتا يانمىدى
♪
ياشارتىدۇ مېھنەت ئىنساننى
ئىجاد قىلساڭ ئىزلىرىڭ رەيھان
ياشارتىدۇ مېھنەت ئىنساننى
ئىجاد قىلساڭ ئىزلىرىڭ رەيھان
مېۋىلەرگە تولسۇن باغلىرىڭ
قىلغىن دائىم ئەل يۇرتنى مېھمان
مېۋىلەرگە تولسۇن باغلىرىڭ
قىلغىن دائىم ئەل يۇرتنى مېھمان
♪
ئەي، گۈل سورايدۇ باغلار سېنىڭدىن
دىل سورايدۇ دىلكەشلەر ھامان
ئەي، دىل سورايدۇ دىلكەشلەر ھامان
ئۈلگە بولغىن ئەۋلادلىرىڭغا
قەدرىڭ بولۇر دىللاردا داستان
ئۈلگە بولغىن ئەۋلادلىرىڭغا
قەدرىڭ بولۇر دىللاردا سۇلتان
ئا، ئەي، قەدرىڭ بولۇر دىللاردا سۇلتان
ئا، ئەي، قەدرىڭ بولۇر دىللاردا سۇلتان
♪