作词 : dj adil/Mattohti Sattar
作曲 : dj adil
تىكىس يازغۇچى : ئادىلجان مەمتىمىن
يايرىم ئۆتتى يانىمدىن يارىما
كۆيدىرىۋاتتى جانىمدىن يارىما
كۆيدىرىۋاتتى جانىمدىن
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق يارىما
جاندىن ئەزىز يارىمدىن
نەلەرگەباراي شەلەردە تۇراي
ئىككى مەشۇق بىر بولۇپ يارىما
خوتەن شەرىگە باراي
ئوي ئوي ئوي
ھاۋادا لاچىن ئوينايدۇ يارىما
قىمانى داچىئەن ئوينايدۇ يارىما قىمانى داچىئەن ئوينايدۇ
چاندوزاڭ ئېغىر بولسا يارىما
يېنىڭدا چوكان ئوينايدۇ
نەلەرگە باراي شەلەردە تۇراي
ئىككى مەشۇق بىر بولۇپ يارىما يەكەن شەرىگە باراي
ئوي ئوي ئوي
ئۆستەڭنىڭ تېگى لايدۇر يارىما
دەسسىسەم لىغىلدايدۇ يارىما
دەسسىسەم لىغىرلايدۇ
يۈرۈكۈم جىغىلدايدۇ يارىما
يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ
نەلەرگە باراي شەلەردە تۇراي
ئىككى مەشۇق بىر بولۇپ يارىما ئاقسۇ شەرىگە باراي
ئوي ئوي ئوي
يايرىم ئۆتتى يانىمدىن كۆيدۈرۈۋەتتى جانىمدىن
يايرىم ئۆتتى يانىمدىن
كۆيدۈرۈۋەتتى جانىمدىن
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق
جاندىن ئەزىز يايرىمدىن
ئىلاجىم يوق پاناھىم يوق
سىنىڭدىن باشقا يايرىم يوق
ئوي ئوي ئوي
باغۇم بايەي باغۇم با باغىمدا ئانارىم با
باغۇم بايەي باغۇم با باغىمدا ئانارىم با
سەن قارىمىساڭ يايرىم قۇرغۇيدەك ئاداشىم با
ئىلاجىم يوق پاناھىم يوق
سىنىڭدىن باشقا يايرىم يوق
ئوي ئوي ئوي
باققا كىردىم شوراڭدىن تۆتنى ئالدىم غوراڭدىن
باققا كىردىم شوراڭدىن تۆتنى ئالدىم غوراڭدىن
ئانىسى يامان قېرى ئايرىۋەتتى جورامدىن
ئىلاجىم يوق پانايىم يوق سىنىڭدىن باشقا يايرىم يوق
ئوي ئوي ئوي
ھاۋادىكى تۇر قۇشمەن
ياردەر دىدە بى ھۇشمەن
ھاۋادىكى تۇر قۇشمەن
ياردەر دىدە بى ھۇشمەن
قىيال قىلما چوكانلار
ئالتۇن بىلەن كۈمۈشمەن
ئىلاجىم يوق پاناھىم يوق
سىنىڭدىن باشقا يايرىم يوق
ئوي ئوي ئوي
ھاۋا ئايلىناي دەيدۇ مەنمۇ ئايلىنامەنمۇ
ھاۋا ئايلىناي دەيدۇ مەنمۇ ئايلىنامەنمۇ
دۈشمەننىڭ سۆزى بىلەن يادىن ئايرىلامەنمۇ
ئىلاجىم يوق پاناھىم يوق
سىنىڭدىن باشقا يايرىم يوق
ئوي ئوي ئوي