作词 : Zahir Burhan
作曲 : Zahir Burhan
ھايات يولۇم ئوتتۇز دىن ئاشتى.
چاچلىرىمغا قىروۋلار چاچتى .
يولۇمدا داۋان مەنزىلىم يىراق،
ھېچ ئۆچمىدى يۈرەكتىن پىراق.
قانداق قىلاي يېگانە قالدىم،
مېڭىپ مېڭىپ شۇنچىلىك ھاردىم.
كىملەرگە ھەم قىلاي ئىلتىجا،
ھەمسەپەرداش سەن بولغىن ماڭا .
قالدى يىراق- يىراقلاردا بالىلىقىم
ئاستا -ئاستا يوقالماقتا بۇ ياشلىقىم
بىر چاغلاردا ئېيتقانتى ئانام
قەددىڭنى تىك تۇتۇپ ياشىغىن مەغرۇر
ھەم ئېيتقانتى قەدىردان ئاتام
يار بولسۇن ھەرزامان روھىڭغا غۇرۇر
شۇ سۆزنى ئويلىسام ياشنايمەن يەنە
مەنزىلمۇ يېقىنلاپ كۆرۈنەر ئەنە
ئاقلار چۈشسۇن مەيلى بۇ باشقا
كۆزۈم تولماس ھەرزامان ياشقا
بىر چاغلاردا ئېيتقانتى ئانام
قەددىڭنى تىك تۇتۇپ ياشىغىن مەغرۇر
ھەم ئېيتقانتى قەدىردان ئاتام
يار بولسۇن ھەرزامان روھىڭغا غۇرۇر
شۇ سۆزنى ئويلىسام ياشنايمەن يەنە
مەنزىلمۇ يېقىنلاپ كۆرۈنەر ئەنە
ئاقلار چۈشسۇن مەيلى بۇ باشقا
كۆزۈم تولماس ھەرزامان ياشقا