作词 : Mamatjan Mahsut
作曲 : Adil Abdulla
编曲 : Shahruh
پەرۋانىمەن پەرۋانە يار ئوتۇڭدا پەرۋانە
سەرسانىمەن سەرسانە يار كويۇڭدا سەرسانە
ئوت يانىدۇ يۈرەكتە ماڭا ئۆزۈڭ كىرەكتە
ئاشۇ ئارزۇ تىلەكتە گىريانىمەن گىريانە
تەشنايىمەن كۈتىمەن ئاھۇ ئەلەم يۇتىمەن
بىر سىنى دەپ ئۆتىمەن غەمخانىمەن غەمخانە
پەرۋانىمەن پەرۋانە يار ئوتۇڭدا پەرۋانە
سەرسانىمەن سەرسانە يار كويۇڭدا سەرسانە
سەنسىز ئۆتمەي كۈنى تۈن سىغىنىپ كەلدىم يەنە بۈگۈن
بىلسەڭ جانان سەن ئۈچۈن قۇربانىمەن قۇربانە
چىن يۈرەكتىن چىن سۆزۈم سەن يىگانەم يۇلتۇزۇم
بولدۇم ئۆزۈمگە ئۆزۈم بىگانىمەن بىگانە
پەرۋانىمەن پەرۋانە يار ئوتۇڭدا پەرۋانە
سەرسانىمەن سەرسانە يار كويۇڭدا سەرسانە
پەرۋانىمەن پەرۋانە يار ئوتۇڭدا پەرۋانە
سەرسانىمەن سەرسانە يار كويۇڭدا سەرسانە
پەرۋانىمەن پەرۋانە يار ئوتۇڭدا پەرۋانە
سەرسانىمەن سەرسانە يار كويۇڭدا سەرسانە