作词 : MSFBABY/UNDASH
作曲 : MSFBABY/UNDASH
编曲:weloveziho
Hook
دۇنيا ئوتۇنەي قىيرىتما مىنى باللىقىمنى قايتۇرۇپ بەر
كىچىك چاغدىكى سەبىيلىك ھەم تەتۇرلىكنى قايتۇرۇپ بەر
سولىما مىنى قەپەز ئىچىگە ئەركىنلىكنى قايتۇرۇپ بەر
چوڭ بوغۇم يوق غەمسىز ۋاقىتنى قايتۇرۇپ بەر
MSF
كىچىك چاغدىكى لەگلەكنى يەنە قايتا ئۇچۇرغۇم با
بۇرۇنقى لاي ئوستەڭگە يەنە قايتا چۇمۇلگۇم ما
ھەمرا ئىدى نۇرغۇنلىغان قىززىقارلىق كارتۇنلا
دوراپ ئويناپ قانمايدىغان خاسىيەتلىك پالۋانلا
قوغلاشماق ئوينىساق يۇگرەپ ھارمايتىم
قاراڭغۇدىن قوقساممۇ مۇكۇشمەكتە مۇكۋالاتتىم
ئۇچار ئاتتى نەزىرىمدە قاتلىندىغان ۋىلىسپۇتۇم
بەسلىشىپ ھەيدەپ ۋىلىسپىتنى ئۇتتاساممۇ تەم بەمەيتىم
جان تىكىپ يۇگرەپ غورا ئۇزۇپ قاچقاندا
ئويلايتىم شوتا قويۇپ چىقىپ باقسام ئاسمانغا
خوش بوپ قەغەز ئايرۇپىلان ئۇزاقراق ئۇچقانغا
تالمايتى قوللۇرۇم غۇژژەككە قامچا ئۇرغاندا
كوڭلۇم توق يانجۇقتا بىر كويچەن بوسا
ئامراقتىم شۇ چاغدا كولا تەملىك چوكا مۇزغا
چوڭ بوپ نىمە بولسە دەپ ھەرگىز سوراپ قامما
ئىسىمدە مەيدە ئۇرۇپ ئاتقان شۇ پولا
ئاچچىقلىمىغانتى ئانام لەۋ سۇرۇخىڭنى تامغا سىزغاندا
تولىگەنتى خوشنۇلانىڭ دىرىزىسنى چاققاندا
غەلۋە قىمماسمەن بەلكىم ئىككىنجى قىتىم كەپ قاسا
بالىلىققا قايتقۇم با
Hook
دۇنيا ئوتۇنەي قىيرىتما مىنى باللىقىمنى قايتۇرۇپ بەر
كىچىك چاغدىكى سەبىيلىك ھەم تەتۇرلىكنى قايتۇرۇپ بەر
سولىما مىنى قەپەز ئىچىگە ئەركىنلىكنى قايتۇرۇپ بەر
چوڭ بوغۇم يوق غەمسىز ۋاقىتنى قايتۇرۇپ بەر
undash:
ئوينايدىغان بالا بارمۇ دەپ توۋلاپ قويساق باللار كۆپ
-تالىىشىپ يىگەچ تەملىك تىتىيتى 5موچەنلىك تەييار چۆپ
-كىچىك ئىشلاردىن خۇشال ئىدۇق ئەلۋەتتە ئىشلارغا ياش تۆكۈپ ئۆكسۈپ
-5مىنۇت ئاۋال ئۇرۇشۇپ قالغان ھازىر ياراشتۇق يىقىشلىق كۈلۈشۈپ
-دادا ئاپا باغچىغا ئاپا دەپ قىلاتتىم غەلۋە، ئازرراق ئىدىم تەلۋە .
ـ ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئاپام چاقىرماي خاتىرجەم ئوينىسام شۇ غەلبە
ـ بىر قىتىم ئويناپلا زىركەتتىم كۆپ ئىدى ھەر خىل ئويۇنچۇقۇم
ـ ئۆزۈم ياسىغان قەغەز پۇللار بىلەن توم ئىدى يانچۇقۇم
ـ بىزدەك ئۇلۇغ بىناكار يوق ئىدى سۇ ئارلاشسا توپا ياكى قۇم
ـ شوخلۇق قىلىپ بىر قۇلىقىنى ئۈزۋەتكەن تاق قۇلاق قونچۇقۇم
ـ ئۆستەڭلەردە سۇ ئۈزەتتىم ئانام قوغلايتى قولىغا چىۋىق ئىلىپ
ـ تۇتۇلۇپ قالسام ئۇرۇشقا چىدىماي تەربىيە قىلاتتى يىقىن كىلىپ
Hook
دۇنيا ئوتۇنەي قىيرىتما مىنى باللىقىمنى قايتۇرۇپ بەر
كىچىك چاغدىكى سەبىيلىك ھەم تەتۇرلىكنى قايتۇرۇپ بەر
سولىما مىنى قەپەز ئىچىگە ئەركىنلىكنى قايتۇرۇپ بەر
چوڭ بوغۇم يوق غەمسىز ۋاقىتنى قايتۇرۇپ بەر