作词 : GalipWulam/theRoh
作曲 : GalipWulam/theRoh
编曲 : theRoh
مېنى زادى سەن چۈشىنەمسەن
بۇ سوئالغا سەن ئىزدىنەمسەن
چىن قەلبىڭدىن سەن ئېيتالامسەن
ياكى بولسا سەن قىينالامسەن
مۇھەببەتنى باشلىغاندا كۈن
ئۇندىن چارچىغاندا تۈن
ھەمراھ ئۆزۈم ئۆزۈم
كۆزۈم سىرغىپ ياش
سۆزۈم كەمتۈك
يۈزۈم نۇرسىز
پىغان يۈرۈكۈم
يېنىمدىن كەتكەندىن ھازىرغىچە تا
يۈزۈمدە ساختا كۈلكە قەلبتە قازا
ئاي بولۇپ ھەمراھ كۆتۈرۈپ ھازا
دەرمانسىز قالدى يۈرەك بولۇپ پىدا
مېنى زادى سەن چۈشىنەمسەن
بۇ سوئالغا سەن ئىزدىنەمسەن
چىن قەلبىڭدىن سەن ئېيتالامسەن
ياكى بولسا سەن قىينالامسەن
كەتكىنىڭدا مەندىن قىيالمىدىم سەندىن
تۇرالمىدىم تىك دەسسەپ تېنىمدە سوغۇق تىترەك ئاندىن
بۇرۇلمىدىڭ ھەم كەينىڭگە بىر رەت يېگانە مەن قالدىم
ئۆتتى قانچىلىك ۋاقىت بىلمىدىم سۈكۈت شۇ جايدىن
يامغۇر پاكلىدى تېنىمنى بۇ داغدىن
بۇ تۈن ئايرىدى جىسمىمنى روھىمدىن
بىلگىن ئۆچتىڭ مەڭگۈگە قەلبىمدىن
سەن كەتكەن شۇ جاي گۈزەلمىكەن مەن قالغان بۇ جايدىن