作词 : anwar yasin
作曲 : Hoji Matkurban
چاقچاق قىلماڭ
يولدا ماڭسام قاش ئېتىپ،
قارىمىسام تاش ئېتىپ .
كۆزلىرىمنى ياشلىتىپ،
چاقچاق قىلماڭ يارىم بار .
مېھىرلىكتۇر كۆيۈملۈك،
ھەم ۋاپادار سۆيۈملۈك.
ۋەدىمىز بار ئۆمۈرلۈك،
چاقچاق قىلماڭ يارىم بار .
كۆز ئالايتماڭ بەختىمگە،
سەلتەنەتلىك تەختىمگە .
ۋاپادارمەن ئەھدىمگە،
چاقچاق قىلماڭ يارىم بار .
پۇلىڭىزنى پەش قىلىپ،
بۇ كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ.
ئۆزىڭىزنى پەس قىلىپ .
چاقچاق قىلماڭ يارىم بار .
چىن ئەقىدە بىزدە بار،
بىزدەك جۈپلەر نەدە بار.
مەن سۆيگۈمگە ۋاپادار،
چاقچاق قىلماڭ يارىم بار .
قارىمايمەن ئۆزگىگە،
مەس بولمايمەن سۆزىگە.
تەستەك سالاي يۈزىگە،
چاقچاق قىلماڭ يارىم بار .