作词 : Cubat 巧克力
作曲 : Cubat 巧克力/HAS
دىلرابايىم كۆزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
بال ھەسەلدەك سۆزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
بۇ ھىجراننى يۈرەگىمگە سېلىپ كەتكەن
شۇ جىلۋىگەر يۈزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
بۇ ھىجراننى يۈرەگىمگە سېلىپ كەتكەن
شۇ جىلۋىگەر يۈزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
خازان بولدى سېنى باغلار كۆرەلمەستىن
تاڭ شامىلى ساچلىرىڭنى سۆيەلمەستىن
تولغىنىمەن نە قىلارىم بىلەلمەستىن
گۈلزىبايىم بويلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
تولغىنىمەن نە قىلارىم بىلەلمەستىن
گۈلزىبايىم بويلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
توختىمايدۇ يامغۇرلىرى نادامەتنىڭ
گۈلى سۇلدى ئېچىلماستىن ساداقەتنى
يىگانىمەن چۆللىرىدە مۇھەببەتنىڭ
ئىزىڭ قالغان يوللۇرۇڭنى ئۇنتالمىدىم
يىگانىمەن چۆللىرىدە مۇھەببەتنىڭ
ئىزىڭ قالغان يوللۇرۇڭنى ئۇنتالمىدىم
يىگانىمەن چۆللىرىدە مۇھەببەتنىڭ
ئىزىڭ قالغان يوللۇرۇڭنى ئۇنتالمىدىم
ئىزىڭ قالغان يوللۇرۇڭنى ئۇنتالمىدىم