作词 : Memetturghun Eli
作曲 : DilshatAwamuslim
دىل خانەمگە كىرىپ كەلدىڭ، قەدەم ئېلىپ ئاستا-ئاستا،
سۆيۈلدۈممۇ دەپ سورايمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىن قايتا-قايتا.
دىل خانەمگە كىرىپ كەلدىڭ، قەدەم ئېلىپ ئاستا-ئاستا،
سۆيۈلدۈممۇ دەپ سورايمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىن قايتا-قايتا.
ھەجەپ رايىم پاتماس لېكىن، گۈل سۇنساڭمۇ دەستە-دەستە،
كۆنەلمىدىم سۆيۈلمەككە، مەن ئۆزۈمگە ھەيران-ھەسمەن.
ئاستا-ئاستا-ئاستا، يېقىنلاشتىڭ ئاستا،
قايتا-قايتا-قايتا، ئىزھارلىرىڭ قايتا.
ئاستا-ئاستا-ئاستا، ئۇزاپ كەتكىن ئاستا،
ئاخىرلاشسۇن ھېكايىمىز تارالماستا.
ئاستا-ئاستا-ئاستا، يېقىنلاشتىڭ ئاستا،
قايتا-قايتا-قايتا، ئىزھارلىرىڭ قايتا.
ئاستا-ئاستا-ئاستا، ئۇزاپ كەتكىن ئاستا،
ئاخىرلاشسۇن ھېكايىمىز تارالماستا.
مۇزىكا
مەپتۇنلۇقنىڭ ئارغامچىسى چېگىلمەيلا دىلدىن-دىلغا،
ھېكايىمىز تامام بولدى، داۋام بولماي يىلدىن-يىلغا.
تەنھا ئۆتەي بۇرۇنقىدەك، مەن ئويلاندىم قايتا-قايتا،
كەچۈر ساڭا كۆنەلمىدىم، ئۇزاپ كەتكىن ئاستا-ئاستا.
ئاستا-ئاستا-ئاستا، يېقىنلاشتىڭ ئاستا،
قايتا-قايتا-قايتا، ئىزھارلىرىڭ قايتا.
ئاستا-ئاستا-ئاستا، ئۇزاپ كەتكىن ئاستا،
ئاخىرلاشسۇن ھېكايىمىز تارالماستا.
ئاستا-ئاستا-ئاستا، يېقىنلاشتىڭ ئاستا،
قايتا-قايتا-قايتا، ئىزھارلىرىڭ قايتا.
ئاستا-ئاستا-ئاستا، ئۇزاپ كەتكىن ئاستا،
ئاخىرلاشسۇن ھېكايىمىز تارالماستا.