作词 : askar tiyip
作曲 : askar tiyip
编曲 : askar tiyip
ناخشىدا: ئەسقەرجان تىيىپ
تىكىسى: ئەسقەرجان ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئەنۋەر مەڭلىك
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: قاسىمجان ئىسلام
بۇلۇپ كەتتى ئالدىراش ھەركىم
غېمى ئۈچۈن پۇل تېپىپ بەلكىم
دەردىم يوق دەپ دىيەلەيدۇ كىم
ھەممىمىزنى چارچاتتى تۇرمۇش
مۇزىكا
ئۇخلاتمىدى شۇ پۇلنىڭ غېمى
كۈندە تاپساق تۇرىدۇ كېمى
بىزلا ئەمەس مىنى ھەم سىنى
ھەممىمىزنى چارچاتتى تۇرمۇش
مۇزىكا
ھەركىمنىڭ بار غېمى بېشىدا
چاندۇرمايدۇ ياتنىڭ قېشىدا
يۈگۈرۈشۈپ يوقنىڭ غېمىدا
ھەممىمىزنى چارچاتتى تۇرمۇش
تۇرمۇش قۇرۇپ باقمىغان كىم بار
ئۆي بالام دەپ چاپمىغان كىم بار
ئىشلەپ جاپا تارتمىغان كىم بار
ھەممىمىزنى چارچاتتى تۇرمۇش
ئەسقەرجان ناخشا تارقىتىش مەركىزى