作词 : Nazugum Ayupova
作曲 : Nazugum Ayupova
مۇھەببەت بېغىدىكى سايرىغان بۇلبۇل ئېدىڭ
شۇ باغدىكى قىزىل گۈللەردىن تاللىغىنىڭ مەن ئېدىم
سايرايتتىم بۇلبۇل بولۇپ يېنىمغا سەن كەلگەندە
سېغىنارسەن ناخشامنى ئاڭلاپ خاپا بولما سۆيگەن يارىڭدىن
بارالمىدىم يانىڭغا بارالمىدىم
سۆيەلمىدىم يۈزۈڭنى جېنىم ،يەنە سۆيەلمىدىم
بارالمىدىم يانىڭغا بارالمىدىم
تويالمىدىم يۈزۈڭگە جېنىم قاراپ تويالمىدىم
مۇزىكا
تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان كۆزلىرىڭنى سېغىندىم
سۆيدۈم سېنى جېنىم دېگەن سۆزلىرىڭنى سېغىندىم
كەتتىڭغۇ كۆزۈڭگە ياش ئېلىپ كەينىڭگە قارىيالماي
يىغلىما سۆيگەنىم يىغلىما كەچۈر جېنىم كەچۈر مېنى