作词 : Teyupjan Eliyov
作曲 : Tursun Qadir
※♪ ♩ ♫ ♬※
،كەلمەك بولۇپ سەن كەلمىدىڭ
،كەلمەك بولۇپ سەن كەلمىدىڭ
سۆز بولسا يالغان،مەيلىمۇ
،ۋەسلىڭگە ئىمكان بەرمىدىڭ
،ۋەسلىڭگە ئىمكان بەرمىدىڭ
كۆيدۈرسە ھىجران مەيلىمۇ
،ۋەسلىمگە ئىمكان بەرمىدىڭ
كۆيدۈرسە ھىجران مەيلىمۇ
※♪ ♩ ♫ ♬※
كۈلگەن ئىدىڭ، سەن گۈل بولۇپ
كۈلگەن ئىدىڭ، سەن گۈل بولۇپ
مەن سايرىغان.بۇلبۇل بولۇپ
بۇلبۇل كېتىپ،قۇزغۇنغا جاي
بۇلبۇل كېتىپ،قۇزغۇنغا جاي
بولسا گۈلىستان، مەيلىمۇ
بۇلبۇل كېتىپ،قۇزغۇنغا جاي
بولسا گۈلىستان، مەيلىمۇ
مېھرىڭگە مەن لايىق ئىدىم
مېھرىڭگە مەن لايىق ئىدىم
لەۋزىمگە چىن - سادىق ئىدىم
سادىقلىغىمدىن خارلىنىپ
سادىقلىغىمدىن خارلىنىپ
ئۆرتەنسە ۋىجدان مەيلىمۇ
سادىقلىغىمدىن خارلىنىپ
ئۆرتەنسە ۋىجدان مەيلىمۇ
※♪ ♩ ♫ ♬※
ياز كەلدى، تولۇپ قەددى سۇۋادان كىلىدۇ
قەددى سۇۋادان كىلىدۇ
يەلپۈنگېچە شۇ ساچى، بوستان كېلىدۇ
يەلپۈنگېچە شۇ ساچى، بوستان كېلىدۇ
※♪ ♩ ♫ ♬※
كاككۇكنى خىجىل ئەيلگۈدەك كۈلكىسى بار
گۈل غۇنچىسدىن ئۇز لېۋى، خەندان كېلىدۇ
بىللە ئۇچىمىز دەپ دېدىڭ پەن ئاسمىنىدا
شۇ لەۋزىگە خاس قىلغىلى، جەۋلان كېلىدۇ
شۇ لەۋزىگە خاس قىلغىلى، جەۋلان كېلىدۇ