作曲 : Orhan-Rozi
配器:Muradel Abdusalam
مەن سېنىڭ كۆزۈڭدىكى ياش
يىغلىساڭلا چىقىپ كېتىمەن
مەن سېنىڭ كۆزۈڭدىكى ياش
يىغلىساڭلا چىقىپ كېتىمەن
ئارمىنىم شۇ بىر ئۆمۈر سەندىن
ۋىسالىڭغا قاچان يىتىمەن
ئارمىنىم شۇ بىر ئۆمۈر سەندىن
ۋىسالىڭغا قاچان يىتىمەن
♩♩♩
جېنىم دىسەڭ جېنىمنى بېرەي
دەريا ئەمەس دىڭىزغا كىرەي
جېنىم دىسەڭ جېنىمنى بېرەي
دەريا ئەمەس دىڭىزغا كىرەي
لەۋلىرىڭدە ناۋاتتەك ئېرەي
سېنىڭ سۆيگۈڭ راس بولسا ئەگەر
لەۋلىرىڭدە ناۋاتتەك ئېرەي
سېنىڭ سۆيگۈڭ چېن بولسا ئەگەر
♩♩♩
ئاسمىنىڭدا تورغويۇڭ بولاي
كۈندە سايراپ بولبۇلۇڭ بولاي
ئاسمىنىڭدا تورغويۇڭ بولاي
كۈندە سايراپ بولبۇلۇڭ بولاي
سەپەرلەردە دۇلدۇلۇڭ بولاي
سېنىڭ سۆيگۈڭ راست بولسا ئەگەر
سەپەرلەردە دۇلدۇلۇڭ بولاي
سېنىڭ سۆيگۈڭ چېن بولسا ئەگەر
سەپەرلەردە دۇلدۇلۇڭ بولاي
سېنىڭ سۆيگۈڭ چېن بولسا ئەگەر
مەن سېنىڭ كۆزۈڭدىكى ياش
يىغلىساڭلا چىقىپ كېتىمەن
مەن سېنىڭ كۆزۈڭدىكى ياش
يىغلىساڭلا چىقىپ كېتىمەن
يىغلىساڭلا چىقىپ كېتىمەن