编曲 : Gulyar Yakup-古丽亚尔·牙合甫歌手
تەنھا قالدىم بۇ جايدا،
سەرسان بولدۇم پېراقىڭدا.
كۆيدى يۈرەك چوغ بولۇپ،
مۇھەببەتنىڭ ئىشقىدا.
ئوھو…
تەنھا قالدىم بۇ چۆلدە،
تەشنا بولۇپ ۋېجدانىڭغا.
مۇھەببەتنى ئۆڭاي چاغلاپ،
ئەمدى قالدىم پۇشايماندا.
ئوھو…
سېنى ئويلاپ قاتتى بېشىم،
دەرگاھىڭدا ئاقتى يېشىم.
بۇ ئالەمدە بارمۇ سەندىن،
قىممەت گۆھەر باش پاناھىم.
ئوھو…