作词 : Number
作曲 : Number
混音:Number
封面:Number
v1
يېرىم كېچە سائەت ئىككى چوڭ كوچىدا نىجات بىلەن
قول يانچۇقتا شۆيلىيەن تارتىپ ۋۇسۇ قىسقاش قولتاق بىلەن
ئونىنچى ئايدا بۇ قىزلار تو پايپاق بىزلە قارچىغا
ئەتىگەندە سەھەردە كەتتى پوكان ياققىلى پارتىغا
ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقىدا يۈرىمەن قاتىراپ
ئازار يەپ قىز بالىلاردىن گۈزەللەرگە چاچراپ
ھوشۇمنى بىلمەي سولاقتا تۇرىمە پاقىراپ
مەسلىكىمدىن ياسايمە دەپ ئۆتكەتلەگە ۋاقىراپ
سەھەردە ئانام تۇيماستىن مەن ئاغىنەم دەپ چىقىپ كەتتىم
كەچ بولغاندا جەمىيەت دەپ يەپ كەتتىم مەن پىچاقتىن
مەندە قالدى تارتۇق تۈرمىدە ياقۇپ
بىتاپ قىلدى ئانامنى مەن پۇل يوق ساتقان ياقۇت
توپلىشامدۇ بىرگە بىرمۇ سۇنماس بېلەك مەندە بارى
قوش بېلەككە چەكتىم يولۋاس بىلەن ئەجدىھانى
ئارتىلغان ئىزلا قالدى مەكتىپىمنىڭ تاملىرىدا
لەيلەۋاتىمەن قولۇمدا ئىشپىرىس مەن شام نۇرىدا
hook
تەقدىرىمنىڭ قانداقلىقى كىرپىك بىلەن قاشتەك
چىرىۋاتقان سالغا بولدۇم تۇرمۇش دېدىم پاختەك
غۇۋالاشقان ئادىمىيلىك قوتولاشقان تاشتەك خۇددى
بۇ ھاياتىمغا يېيىلىپ كەتتى تۇنجى ئاققان ياشتەك
x2
v2
ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دەپ مەن ياخشىغا كۆرۈم
توپلاشتۇق ئۇرۇشقىلى يالغۇز قالدىم ئۆزۈم
دۇمبالا توختىمايتتى ئېچىلماي كۆزۈم
بىزنى پارتىمىزدىن ئايرىۋەتتى مەكتەپتىكى تۈزۈم
ئۇچامدا مەكتەپ فورما يۈز كۆزلىرىم ئىشىق
ئەلۋەتتە ئاپام سوراپ قالسا مەن يالغان گەپكە پىششىق
تەلەتىمنى ئاپام كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى باش سىلاپ
ئەتىسى مۇئەللىمنىڭ بىر تېلېفونى بىلەن ئوڭدا چۈشتى باشچىلاپ
ئاپام تۆلەيتتى بۇرۇن كەتكەن دادام قەرزىنى
جەزخولار ياقامنى سىقتى بۈگۈن ئاپام نەزىرى
خەقنىڭ كۈچلۈك ھاقارتى ئىچىمگە پاتمىدى
بىر تال گىردىگە زار بوپ كەتتىم ئاغىنەممۇ ئاقمىدى
تىكەندەك يالغۇز قالدىم ئۆينى ساتتىم چىكەتتىم
كۇلىغا كەلدىم پاسكەش جەمىيەت ئوغرىلىققا باشلاپ
ئۆلۈكنىڭ پەرقىم يوق مەن تۇتۇلدۇم قاراڭغۇغا
ئىتتىن بەتتەر قىلىۋەتتى بۇ كۈن تۇنجى كۆزنى ياشلاپ
hook
تەقدىرىمنىڭ قانداقلىقى كىرپىك بىلەن قاشتەك
چىرىۋاتقان سالغا بولدۇم تۇرمۇش دېدىم پاختەك
غۇۋالاشقان ئادىمىيلىك قوتولاشقان تاشتەك خۇددى
بۇ ھاياتىمغا يېيىلىپ كەتتى تۇنجى ئاققان ياشتەك
x2