作词 : 无
作曲 : 无
سوۋغا قىلاي مەن ساڭا گۈلۈم
ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇزنى
يۈرەك سۆزۈم ئېيتاي مەن جېنىم
سۆيۈپ قالدىم قارا كۆزۈڭنى
قارا كۆزلىرىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ
ئەقلىمنى ئالار ھەر چاغدا
مېنى سۆيمىسەڭ مەيلى ئىدى يارىم
سېنى سۆيۈشكە رۇخسەت بەر
سوۋغا سوۋغا قىلاي مەن ساڭا
ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇزنى
ئارزۇيۇمدا بىز باغلار ئارا
كۈلۈپ يايراپ يۈرەيلى يارىم
مۇزىكا…
ھەر ئاخشام ئويلايمەن سېنى
ئارزۇ قىلىپ بىللە بولۇشنى
ئاشىق بولدۇم مەن ساڭا گۈلۈم
خالىمايمەن سەنسىز ياشاشنى
قارا كۆزلىرىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ
ئەقلىمنى ئالار ھەر چاغدا
مېنى سۆيمىسەڭ مەيلى ئىدى يارىم
سېنى سۆيۈشكە رۇخسەت بەر
سوۋغا سوۋغا قىلاي مەن ساڭا
ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇزنى
ئارزۇيۇمدا بىز باغلار ئارا
كۈلۈپ يايراپ يۈرەيلى يارىم