作词 : 无
作曲 : 无
ئۆتمۈش
ناخشىدا ئابدۇقاھار رىجەپ
سۆزى ئايىشە مەمەت
مۇزىكىسى ئۆزلەشتۈرۈلگەن
ئۆتمۈش
ئاي ئاسماندا كۈلگەن كىچە سىنىڭ ئىزىڭ قالغان كوچا
يۈرەرمەن ھىدىڭنى ئىزدەپ سېغىنىشىمنى باغىرىمغا تېڭىپ
تاشلاپ كەتتىڭ سۆيگۈڭدىن كىچىپ، ئۆزۈڭ قىلغان ۋەدەڭدىن تېنىپ
قالدىم يالغۇز سېغىنىش بىلەن ئۆزگە باغرىغا كەتتىڭ سەن سىڭىپ…
ئۆتمۈشكەئايلاندى ئوتلۇق سۆيگۈ يانماس قايتائوتى مەڭگۈ ئۆچتى…
ئۆتمۈش بولدى سۆيگۈبابنىڭ ئېچىلماس مەڭگۈ يېڭى بىر بېتى…
ئۆتمۈش بولدى ئوتلۇق سۆيگۈ يانماس……
ئۆتمۈش بولدى كۈتكەن كۈنلەر كەلمەس……
مۇزىكا
يۈرەرمەن كوچىدا يالغۇز ، بىلمەيمەن مەنزىلىم قايان
يوقاتتىم ئۆزۈمنى-ئۆزۈم تاپارمەن ئەمدى قايلەردىن قاچان
سوراي سۇئال جاۋاپ بەرسەڭچۇكۆزۈمگە مىنىڭ تىكىلىپ تۇرۇپ
ئاشىقلىقىم،مۇھەببىتىمىز جاۋاپ بەر ماڭا بولدىمۇ تامان…
ئۆتمۈشكەئايلاندى ئوتلۇق سۆيگۈ يانماس قايتائوتى ئۆچتى…
ئۆتمۈش بولدى سۆيگۈبابنىڭ ئېچىلماس مەڭگۈ يېڭى بىر بېتى…
ئۆتمۈش بولدى ئوتلۇق سۆيگۈ يانماس……
ئۆتمۈش بولدى كۈتكەن كۈنلەر كەلمەس……