作词 : 艾力牙尔·艾尔肯
作曲 : 艾力牙尔·艾尔肯
ئانام دەپ
ئىليار ئەركىن
ناخشا تېكىستىنى ئىشلىگۈچى : نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
ھايات چاغ مۇڭدىشىۋال ئانام دەپ قوللېرىنى تۇتىۋال
كۈنلىرى خۇش قىلىۋال ئانام دەپ
قۇچىغىدا يېتىۋال
كۆمۈلگەندە داد پەرياد دىسەڭمۇ ۋاي دادەي
كۆزلېرىڭ قان ياش بىلەن
نالە قىلىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلىساڭمۇ ۋاي دادەي
ئورنىغا كەلمەس پەقەت
مۇزىكا
كېچە كۈندۈز ئۇخلىماي بالام دەپ
يۈرەك باغرىغا بېسىپ
دەم كۆرمىسە تەمتىلەپ بالام دەپ
كۆز يۇمالماي ئەنسىرەپ
ئاق سۈت بېرىپ جان بېرىپ ئەقىل بېرىپ قان بېرىپ
يۈرەك باغرىغا بېسىپ
راھەتلەردىن ئۇ كېچىپ باھارىدىن ئۇ قېلىپ
راھەت كۆرمەي دۇنياغا كېلىپ
ئۇ بەردى ئەقىل ۋە قۇۋۋەت
ئۇ تارتتى جاپا مۇشەققەت
ئۇ بەردى ئەقىل ۋە قۇۋۋەت
ئۇ تارتتى جاپا مۇشەققەت
ئاق سۈت بېرىپ جان بېرىپ بالام دەپ
يۈرەك باغرىغا بېسىپ
دەم كۆرمىسە تەمتىلەپ بالام دەپ
كۆز يۇمالماي ئەنسىرەپ
كۆمۈلگەندە داد پەرياد دىسەڭمۇ ۋاي دادەي
كۆزلېرىڭ قان ياش بىلەن
نالە قىلىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلىساڭمۇ ۋاي دادەي
ئورنىغا كەلمەس پەقەت
ئورنىغا كەلمەس پەقەت