作词 : Muhtar Bughra
作曲 : Ablajan Awut Ayup
قار مەلىكە
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئاق قۇچقاچتەك ماڭىدۇ،
قار ئۇسىتىدە قاردەك قىز.
يالغۇز شاختا سايرايدۇ،
قار ئۇستىدە تاردەك قىز.
قار لەيلىسى قار مەلىكە،
بەلكىم ئۇيغۇر پەرىشتە.
كېلەر ئاتلىق شاھزادە،
مەخپىي ئىغىر رەۋىشتە.
جىلۋە قىلار يىراقتىن،
قار دوۋىسى ياكى بەدەن،
ئاق توشقان دەپ شۇزامان،
ئوق ئۇزەر ئوقيا بىلەن.
قىزدىن ئامەت قاچار،
ئوق دەل يۈرەككە پاتار،
شاھزادە پۇشايمانغا قالار.
مەلىكىنى يۆگەشكە،
ئاپپاق كىگىز تاپار،
ئاندىن سەرەڭگىنى ياقار،
مەلىكە،
قار مەلىكە.
مەلىكە،
قار مەلىكە.
مەلىكە،
قار مەلىكە.
مەلىكە،
قار مەلىكە
قار ئۈستىدە يارىدار قىز،
قان چىچىكى چېچىلار.
ئوۋدىن قايىتقان شاھزادە،
گويا نۇردەك ئېتىلار.
ئورار مەلىكىنى شاھزادە،
قاردەك ئاپپاق كىگىزگە شۇئان.
لىكىن تۇرۇپ قالدى داڭقىتىپ،
كىگىزدىمۇ قىزىل قان.
قارقىز ھۇشسىز ياتار،
يىگىت دەرىتكە پاتار،
ياشلىرى قار بولۇپ ياغار.
قىزنى باغرىغا باسار،
توۋلار،چوقان سالار،
قار دالا قان بولۇپ ئاقار.
مەلىكە،
قار مەلىكە.
مەلىكە،
قار مەلىكە.
مەلىكە،
قار مەلىكە.
مەلىكە،
قار مەلىكە