作词 : MerzaT
作曲 : MerzaT
يۈرەك سۆيگەن جانىم سەن مېنىڭ،
سەبىي كۈلكەڭ باردۇر چېھرىڭدە،
قولۇڭنى بەر بولايلى بىرگە،
مۇھاببەتكە تولغان ئالەمدە.
سېنى سۆيىشىم يالغان ئەمەستى
چۈشەنمىدىڭ مېنىڭ قەلبىمنى
يامغۇرلۇق كېچە تەنھا ئاشىق
ساقلار ئۈنسىز تۆكۈپ يېشىنى،
مېھرىڭنى مەن ھېس قىلاي جېنىم،
يېنىمغا كەل سۆيگۈڭنى بەرگىن،
پەقەت بولساڭ سەنلا يېنىمدا،
شۇ ئەمەسمۇ بەخىت دېگەننىڭ.
توزۇپ كەتكەن ئەتتىرگۈلۈمسەن
بەرگىلىرىڭ تۆكۈلدى كەتتى
قەھرىتان قىش سوغۇق شامىلى،
سەن يوق ھەجەپ جېنىمدىن ئۆتتى