作词 : Zahir Burhan
作曲 : Zahir Burhan
ۋاپاسىز سەن دېمە مېنى
ۋاپا بارمۇ بۇ ئالەمدە
ۋاپاسىز سەن دېمە مېنى
ۋاپا بارمۇ بۇ ئالەمدە
ۋاپا ئىزدەپ جاپا چەكسەم
ئەجرىم قالدىغۇ يەردە
ۋاپا ئىزدەپ جاپا چەكسەم
ئەجرىم قالدىغۇ يەردە
مۇزىكا
باغرى تاش ۋاپاسىز يار
ئەجەپ قىلدىڭ مېنى ۋەيران
باغرى تاش ۋاپاسىز يار
ئەجەپ قىلدىڭ مېنى ۋەيران
يۈرىكىم تولدى ھەسرەتكە
ئەقىدەڭگە قېلىپ ھەيران
يۈرىكىم تولدى ھەسرەتكە
ئەقىدەڭگە قېلىپ ھەيران
مۇزىكا
كۈنۈم شۇنداق ئۆتەر ھەر چاغ
يۈرەك دەردلىك كۆزۈم ياشتا
كۈنۈم شۇنداق ئۆتەر ھەر چاغ
يۈرەك دەردلىك كۆزۈم ياشتا
ئەجەپ بىلمەپتىمەن يارىم
ئەقىدەڭ يوق ئىكەن باشتا
ئەجەپ بىلمەپتىمەن يارىم
ئەقىدەڭ يوق ئىكەن باشتا
ئەجەپ بىلمەپتىمەن يارىم
ئەقىدەڭ يوق ئىكەن باشتا
ئەقىدەڭ يوق ئىكەن باشتا