作词 : Halikning
作曲 : Halikning
编曲 : xireli mamat
ۋەدە شۇ
ئالتۇن ئۈزۈك سوقتۇردۇم ،
مەرۋايىتى كۆز قويدۇم .
كۆڭلۈم چۈشكەن شۇ يارنى،
بىر كېلەرلا دەپ قويدۇم .
ۋەدە شۇ ، ئا ۋەدە شۇ . يارىغا بەرگەن ۋەدە شۇ .
دۇتارغا سالاي دېسەم ،
يېڭى ئەشكەن تارى يوق .
يارىمنى كۆرەي دېسەم ،
يوللار ئۇزۇن چارە يوق .
ۋەدە شۇ ، ئا ۋەدە شۇ ، يارغا بەرگەن ۋەدە شۇ .
تاغ دەريانى بويلايمەن ،
دائىم سېنى ئويلايمەن .
سەن يارىمنى كۆرگەندە ،
بۇلبۇل بولۇپ سايرايمەن.
ۋەدە شۇ ئا ۋەدە شۇ ، يارىغا بەرگەن ۋەدە شۇ.