作词 : ozlaxturgan
作曲 : ozlaxturgan
-ھـال سـورالمىدىم-
ئۆتۈپ بارار ئۆمۈر كارۋان
ئارزۇلىرىم قىلالمىدىم
پەرزەنت بولۇپ مەن ناتىۋان
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
يالغۇز غەمگە پاتقىنىدا
بېشى تاشتەك قاتقىنىدا
دەردلەر قۇچۇپ ياتقىنىدا
ئاتامدىن ھال سورالمىدىم
تۈن كېچىلەر چىراغ يېقىپ
بارمۇ سىز دەپ ئىشىك قېقىپ
كۆزلىرىگە بېقىپ بېقىپ
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
گاھ قالدۇرۇپ زامانلارغا
تەشنا بولۇپ جانانلارغا
ئاشنا بولۇپ يامانلارغا
ئاتامدىن ھال سورالمىدىم
ئۆتۈپ بارار ئۆمۈر كارۋان
ئارزۇلىرىم قىلالمىدىم
پەرزەنت بولۇپ مەن ناتىۋان
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
يالغۇز غەمگە پاتقىنىدا
بېشى تاشتەك قاتقىنىدا
دەردلەر قۇچۇپ ياتقىنىدا
ئاتامدىن ھال سورالمىدىم
دۇنيالىق دەپ يولدىن ئېزىپ
يۈرىۋەردىم دۇنيا كېزىپ
يۈرىكىمنى ئېزىپ ئېزىپ
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
قەيەردە سەن مۇڭلۇق سادا
دەردلەر چېكىپ بولدۇم جۇدا
مەن بەندىنى كەچۈر ئانا
ئاتامدىن ھال سورالمىدىم
ئۆتۈپ بارار ئۆمۈر كارۋان
ئارزۇلىرىم قىلالمىدىم
پەرزەنت بولۇپ مەن ناتىۋان
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
يالغۇز غەمگە پاتقىنىدا
بېشى تاشتەك قاتقىنىدا
دەردلەر قۇچۇپ ياتقىنىدا
ئاتامدىن ھال سورالمىدىم
※مـۇزىكـا※
دۇنيالىق دەپ يولدىن ئېزىپ
يۈرىۋەردىم دۇنيا كېزىپ
يۈرىكىمنى ئېزىپ ئېزىپ
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
قەيەردە سەن مۇڭلۇق سادا
دەردلەر چېكىپ بولدۇم جۇدا
مەن بەندىنى كەچۈر ئانا
ئاتامدىن ھال سورالمىدىم
يىغلىغايمەن كۆيۈپ كۆيۈپ
بولسا ئىدى باغرىم تويۇپ
ياستۇقىغا بېشىم قويۇپ
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
ئىككى كۆزى يولدا قالغان
ئايدەك يۈزى دىلدا قالغان
ئۈمىدلەرى بەلكى سۇلغان
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
ئۈمىدلەرى بەلكى سۇلغان
ئاتامدىن ھال سورالمىدىم
ئانامدىن ھال سورالمىدىم
#The·End#