作词 : Halik
作曲 : 西尔艾力·赛来
ئاي ئالدىمدا كۈن كەينىمدە
ھەسرەت ئىچىمدە يارۇ
پىغان ئىچىمدە يارۇ
ماڭا بەرگەن ۋاي بۇ كۆڭۈلنى
ۋاي ئال دەپ يىغلايمەن
ئېگىز ئېگىز ۋاي تاغ بىشىدا,
چىراغ كۆيىدۇ يارۇ,
چىراغ كۆيىدۇ يارۇ,
بۇ كۆيگەنلەر چىراغ ئەمەس,
ۋاي يۈرەك كۆيەدۇ
ئېگىز ئېگىز ۋاي تاغ بىشىدا,
قۇرغۇي ئەگىيدۇ يارۇ,
قۇرغۇي ئەگىيدۇ يارۇ,
بۇ ئەگىگەن ۋاي قۇرغۇي ئەمەس,
ۋاي يارلار ئەگىيدۇ,
بىر دانە ئەردىم يارەي مىڭ دانە بولدۇم,
بىر دانە ئەردىم يارەي مىڭ دانە بولدۇم,
ئەقلى ھۇشۇمدىن يارەي بىگانە بولدۇم يارەي,
بىگانە بولدۇم يارەي,
خۇشتارمەن ساڭا ئامرىغىم يارىم دىگەيسەن,
خۇشتارمەن ساڭا ئامرىغىم يارىم دىگەيسەن,
سەندەك قىزىل گۈل يارەي ھەر جايدا بولماس,
سەندەك قىزىل گۈل يارەي ھەر جايدا بولماس,
ھەر جايدا بولسا يارەي سىنىڭچە بولماس يارەي,سىنىڭچە بولماس يارەي
خۇشتارمەن ساڭا ئامرىغىم يارىم دىگەيسەن,