作词 : SRSM
作曲 : SRSM
编曲 : SRSM
لەرزان چۈشتى قارلا يەرنى ئاق قىلىپ
غەملەر باسقان ، بۇ كۆڭۈلنى شاد قىلىپ
كېتىپ قالدى يارىم ئۆزىنى ماڭا قېيداپ يات قىلىپ
خۇشالمىدۇ كەتكىنىگە ئىككىمىزنى تاق قىلىپ ؟
قارلار قېلىن غەملىرىمنى كۆمۈۋېتەرمۇ
دەردلىرىمنى سۆزلەپ بەرسەم كۈلىۋېتەرمۇ
ئېرىگەندە شۇ دەرتلەرنى يۇيىۋېتەرمۇ .
ئۈزەلمىگەن شۇ رشتىمنى ئۈزىۋىتەرمۇ .
خەير ، دەيمۇ تۇنجى قاردا يۈرگىنىمىزگە .
ياخشى يامان كۈندە يىغلاپ كۈلگۈنىمىزگە
ئايرىلماسقا ۋەدە بەرگەن ، تەقدىر بىزنى ئايرىدى
ئامان بولغىن خەيىر دەيلى سۆيگۈنىمىزگە
قەھرىتانغا قارلار ھەمراھ خىيالىم سەن يىراقتا
غېرىب كەبى سەنەمسىز مەن قالدىم ئوتۇڭ پىراقتا
كۆرەلمىدىڭ كۈلەلمىدىم كەلگۈسىمىزنى خىرە دىدىڭ .
يول باشلايمەن دېگەنتىم مەن ساڭا يورۇق چىراقبا
مەيلىڭ بولمىسا يۈرىكىمنى قار بىلەن تەڭ كۆمۈۋەتسەڭ
مەيلى مەن ساڭا خاتا بولسام سەۋەنلىك دەپ كۈلۈۋەتسەڭ
ئۆتۈپ كىتدۇ سەن يوق كۈنمۇ يالغۇزلۇققا كۆنۈۋەتسەم
باشلاي قايتا تۇرمۇشۇمنى سىنى ئەتە كۆرىۋەتسەم
ھاقارەتنى ماڭا ياغدۇر ساداقەتنى ئىلىپ كەت
يۈرىكىمنى سوغات قىلاي ، ئاشىغلىقنى بىلىپ كەت .
ماقۇل جىنىم ئامان بولغىن يوقاتمىغىن قەدىرىڭنى
تەۋرەتكىم يوق قەلىمىمنى بەختىڭنى تاپ كۈلۈپ كەت