作词 : Alshir_Adil
作曲 : Alshir_Adil
خىيالچان تىلەك
ئامان بول گۈلۈم مەن يوق شەھەردە
مەن يوق سەھەردە
سىمايىڭ مىنىڭ ھەربىر سۆزۈمدە ، قارا كۆزۈمدە
سېغىندىم سىنى تاتلىق قوزام ، سەنسىز يوق ئارام
سەن يوق تۈنلەردە مەن بولدۇم قارام ، كۆڭلۈم بىئارام
ساڭا شامالدىن يوللۇدۇم تىلەك ، سەن ماڭا كىرەك
ھەر ھالىمغا ھال بولغۇدەك يۈلەك ، ئۆزگە يوق بۈلەك
تىلەگىم يەتسۇن مەيىن شامالدا ، قالماي ئارماندا
پەرۋانە بۇلۇپ ئۇچقىن ئاسماندا ، مىنىڭ ئالدىمدا
مۇزىكا
ساداقەت بىلەن سۆيگەنتىڭ مىنى ، كۆندۈرۈپ مىنى
قەدرىڭنى ئۆتتى يار ئەسلەيمەن سىنى ، سېغىنغاچ سىنى
سېغىنىش ئىچرە گۈللەر يۈزىگە ، ئاجىز قەلبىمگە
ئويدۇم يۈرەككە ئاشىق كۆزۈمگە ، سىنى مەڭگۈگە
ساڭا شامالدىن يوللۇدۇم تىلەك ، سەن ماڭا كىرەك
ھەر ھالىمغا ھال بولغۇدەك يۈلەك ، ئۆزگە يوق بۈلەك
تىلەگىم يەتسۇن مەيىن شامالدا ، قالماي ئارماندا
پەرۋانە بۇلۇپ ئۇچقىن ئاسماندا ، مىنىڭ ئالدىمدا
مەڭگۈگە