作词 : Yusupjan Keyum
作曲 : Mamtimin Kiram
شاكىر رېھىمجان
تېكىست تەھرىرى: ئابدۇخالىق تەربى
يوق ئىكەن دوستلار ئۆلۈمنىڭ كۆزى
باقمايدىكەن ئۇ ھېچبىر ئادەمگە
بىر گۈلى ئېچىلماي تۇرسىمۇ تېخى
ئېلىپ كېتەر ئىكەنغۇ باقىي ئالەمگە
شۇ گۈزەل ئارزۇلار مەن بىلەن كېتەر
قارا يەر تېگىگە كۆمۈلۈپ كەتسەم
ئارماندا كېتەرمەن لېكىن بەختىم شۇ
جان دوستلار، گۈل لالەم يادىڭغا يەتسەم
زارلىنىپ، ياش تۆكۈپ قالار ئەمدى يار
بۇ ئالەمدە بولۇپ يەككە - يېگانە
ئىزدىگەن ئىدىممەن لالەم ۋەسلىنى
شۇ كېسەل ئاخىرى قىلدى ۋەيرانە
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
كۆزۈمگە سۈرۈپ ئالاي مېھرىبان ئانام
تىزلىناي، باش ئۇراي بەرگىن پېشىڭنى
جان ئانا باغرىڭغا باسقىن سەن مېنى
قانغۇچە پۇرىۋالاي ئىللىق ھىدىڭنى
جان ئانا باغرىڭغا باسقىن سەن مېنى
قانغۇچە پۇرىۋالاي ئىللىق ھىدىڭنى