作词 : Edhem
作曲 : 大肉
Africa center (Skit)
Inst:Dark
Lyric:Edhem
Mixing:Urumchill ning oghli
Master:T3
پايدىنى رەت قىلغان
ئەخمەق ئادەم مەن
چۈنكى ئىشەنچىمنى ئالداپ كەتتى نۇرغۇن ئادەملەر
ياشلىقنى سېغىنغان قېرى ئادەم مەن
كۈنسېرى يىراقلاپ كەتكەن دوست يارەنلەر
چوڭقۇر تىنىقىمغا سۆز يۇشۇردۇم
خوشلاشقاندا ئۇچراشقان كۆزدەك
ھېس قىلدىڭ بىلەلممىدىڭ
تىلىڭنىڭ ئۇچىدا قالغان سۆزدەك
قاتتىق ئەسلەپ ئەسكە ئالالمايسەن
خوش ئەمىسە مەن كەتتىم سەن قال
ئۇ يەرگە بارالمايسەن
ھېچ كىمنىڭ بارمىقى ھاۋادا قۇرۇق قالمىسۇن
يېنىڭدا مەن بار دەپ سۆزۈڭنى ئاڭلىغانلار
كۆڭۈلنى يەرگە قويمىسۇن
تىلەيمەن تۇرمۇشۇڭغا كۈلكە
خاپىلىق غەم بولمىسۇن زادى
سازەندىنىڭ سازى بولسۇن
سازەندىدىن رازى