نەگە ماڭدىم مەنزىلىم نە
كاللام قۇرۇق يول ئۈستىدە
يۇلتۇز ھەمراھ بۇ كېچىدە
نەگە ماڭدىم مەنزىلىم نە
كاللام قۇرۇق يول ئۈستىدە
يۇلتۇز ھەمراھ بۇ كېچىدە
ئادەملەر ناتۇنۇش كۆزگە كۆزلەر تىكىلگەندە
جىمجىت بۇ كوچىلار
كۆپىنچىسى بەلكىم ئۇيقۇدا
يۇلتۇزلار شۇ ئورنىدا ئەمما
رەت-رەت ئىمارەت قوينىدا
شەھەر ئىچى ئۆزگەرگەن يېرى بار
بەزىدە دەيمەن بولدىلا
چۈنكى شوپۇر زېھنى رولدىلا
سۇئاللار بەزىدە جاۋاپسىز
بەزىدە سۈكۈتتە ئامالسىز
بەزىدە ئىشارە تۈگەيدۇ تېما
ئۆزۈمگە دېدىمغۇ ساۋاتسىز
تاماكىغا چاقماق ئوت يېقىش
بىر قېتىم
ئىككى قېتىم
كىيىنكىسى قىزارغۇچە كۈچەپ تارتىش
قاراڭغۇ سۆزىنى باشلىدى
كۆردۈم نې-نې باشقىنى
قىلدىم كۆپىنچىسى قىمىغىنىنى
جەمئىيەت بەردى ئويلىغىنىنى
ئويلىدىڭ يېڭىنى قىلىشنى
شەرت قىلىدۇ نەچچىنى بىلىشنى
ماقۇل
ئەمما لېكىن ئۆگەنمىگەن مەن
كۆز يۇمۇشنى مەن ئېلىشنى
دىپلوما كېرەك قايسى خىلى
كىنىشكىنى توپا بېسىپ ياتقىلى
بولدى خېلى
كىملەر دېدى
كۆرەي قېنى نېمىنى
جەمئىيەت قايسى بىرىنى تاشلىدى
شۇڭا دەيمەن ھەر كۈنى شۈكىرى
ھەي پىلانىم چوڭ كېلىدۇ بىر كۈنى
نەگە ماڭدىم مەنزىلىم نە
كاللام قۇرۇق يول ئۈستىدە
يۇلتۇز ھەمراھ بۇ كېچىدە
ئادەملەر ناتۇنۇش كۆزگە كۆزلەر تىكىلگەندە
نەگە ماڭدىم مەنزىلىم نە
كاللام قۇرۇق يول ئۈستىدە
يۇلتۇز ھەمراھ بۇ كېچىدە
ئادەملەر ناتۇنۇش كۆزگە كۆزلەر تىكىلگەندە
كۆردۈڭ ئاۋۇ ئاق بىنانى
قەۋەت قەۋەت ئىشخانىلارنى
تاللايسەن زادى قانى
كاستۇم كۆينەك كىيسەملا بولىتى
ئۆتەلمىدىڭ
ياق تاللىدى شۇ باشقىلارنى
كۆردۈڭ ئەمدى ماۋۇ كوچىلارنى
بەزمىخانا ۋە چىراقلارنى
ھەر ھەپتىدە بىز باتۇق
قىزلار قوغلايتتى بىزدەك باللانى
ھېلىمۇ بىز بىر جەمئىيەتتە
سۆزلىمەسمەن يالغاننى بىز
مانا ئەمدى كەلدۇق
قاتناش يوللار سىزىقى باشقا
كۆردۈڭ ئاۋۇ بارىتاخۇننىڭ يولىنى
ماڭىدۇ ئاخسا
ئالدىدىكى چىراقتىن باشلانغان يول
توي-تۆكۈننىڭ مەركىزى
رىقابەت چوڭ بىلمىدىم
نېمىكىن شۇ ھەشەمەتنىڭ مەقسىتى
ئىنشا ئاللاھ
شۇ كۈن كېلىدۇ بىزگىمۇ
ئۆزگىرەيدۇ شۇ سېلىقمۇ
ئەمما قالمىدىم جەمئىيەت سېپىدىن
يۈزۈمنى تۆۋەن قىلمىدىم
بۇ شەھرىمنىڭ نەرى باشقا
تاشلاپ كېتىمەن دېمىدىم
نەگە ماڭدىم مەنزىلىم نە
كاللام قۇرۇق يول ئۈستىدە
يۇلتۇز ھەمراھ بۇ كېچىدە
ئادەملەر ناتۇنۇش كۆزگە كۆزلەر تىكىلگەندە
كاللام قۇرۇق يول ئۈستىدە
يۇلتۇز ھەمراھ بۇ كېچىدە