作词 : SAYE
作曲 : Red killer
كىچە ئۇخلىماي ھاراق ئىچىپ ئېي ئاغرىۋاتىدۇ باش،
كۆڭلۈم ھېچنىمە تاتمىدى لېكىن قورساق بەكلا ئاچ،
جاندىن تويدۇم يۈزۈمدە كۈلكە ئىچىمدە قانياش ،
سەن ئەزرائىل ئۆيۈمجەھەننەم ماڭا ئىشكىڭنى ئاچ ،
ئۆيگە قايتقاش پويىز دەرىزىسىدىن يىراقلاغا بېقىپ ،
يىكايىدەك ئۆتكەن كۈنلەنى ئويلايمەن تاماكامغا ئوت يېقىپ ،
ئۆيۈمگە كىلىپلا ئۆزۈم يالغۇز 2-4 بوتۇلكا قېقىپ ،
قولۇمدىن قانلا ئېقىپ تۇراتتى چاقىدىغاننىڭ ھەممىنى چېقىپ ،
سەن يوق مىنىڭ ھاياتىمدا قىلچە خوشاللىق يوقتەكلا ،
سەنسىز ئۆتتى نەچچە كىچە كۈندۈز نەچچە ھەپتە ،
باشقىلا ئاندىن كۈلۈپلا يۈرىمەن سەن يوق كۆڭلۈم توقتەكلا ،
بۇرۇن قارىسام ئۈندىدارغا لىققىدە سېنىڭ يازغان خېتىڭ ،
ھازىرمۇ ئىسىمدە قول تۇتۇشۇپ ماڭغان شۇ ئېقىن ،
غېرىپلىقىمنى ناخشا دىسەممەن ئۆتمۈشۈم بەئەينى مۇڭلۇق مۇزىكا ،
سەن چۈشۈمنىڭ ئادىشى ھازىرمۇ ئەسلەيمەن كۆڭلۈم پەقەت ساڭىلا يېقىن،
چۈشۈمدە سىنى كۆردۈم ئەمما كۆزۈڭگە تىكىلىپ قارالمىدىم ،
بۇرۇنقىدەك قولۇڭدىن سۆرەپ مېڭىپ كەچلىرى چېچىڭنى تارالمىدىم ،
سېنى چۈشەپ ئويغۇنۇپ يېغلىدىممۇ كۈلدۈممۇ ئارىيالمىدىم ،