作词 : Azzjan.E
作曲 : Azzjan.E
بىر تىزىق مارجان بىر دەستە گۈلدەك
ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق
جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ
قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا
قالدى رىشتە باغلانغان ماكان
كەتسەكمۇ يىراق يىراق جايلارغا
بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان
جۇدالىق يېشى تۆكۈلدى بۈگۈن
ئايرىلىشقا چىدالماي ئەجەپ
ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ گاھى كۈلۈشۈپ
خوشلاقماقتىمىز تىلەكلەر تىلەپ