作曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰
编曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰
كۈلۈپ تاڭدا يېرىلدى تاش كۆزۈڭ ئالەمنى يۇتقايمۇ
لېۋىڭدە توختىسام بىردەم سۆزۈڭ نالەمنى يۇتقايمۇ
قاراپ - قاراپ يەنە ياشقا يېشىم ئىچرە قەلەم قاشقا
غېرىب بول دەپ غېرىب باشقا ئوتۇڭ ئادەمنى يۇتقايمۇ
ئۆلۈپ كەتتىم كېچە يىغلاپ تىرىكلىكتىن داۋامىم يوق
سېنى دېدىم سېنى دەيمەن سېنىڭسىز ئاھ ئارامىم يوق
يېقىتساڭچۇ قاۋان جاننى ۋىسالىڭغا داۋان جاننى
ساڭا قويدۇم ھامان جاننى سېنىڭسىز ئاھ ئارامىم يوق
كېلىپ تولدۇر پىيالەمنى ئۆلۈم تولدۇر كېچە يىغلاپ
يىقىلدى جان خىيالىڭدىن يەنە تاڭ ئاتقىچە يىغلاپ
مېنى ساتقان بازارىڭدىن كۆمۈۋەتكەن مازارىڭدىن
ئۆزۈم ئالغان ئازارىڭدىن كۈلەي ئاھ يەتكۈچە يىغلاپ
ئۆلۈپ كەتتىم كېچە يىغلاپ تىرىكلىكتىن داۋامىم يوق
سېنى دېدىم سېنى دەيمەن سېنىڭسىز ئاھ ئارامىم يوق
يېقىتساڭچۇ قاۋان جاننى ۋىسالىڭغا داۋان جاننى
ساڭا قويدۇم ھامان جاننى سېنىڭسىز ئاھ ئارامىم يوق