作曲 : ILHAM Music Studio
编曲 : ILHAM Music Studio
يىغلىما سەن يىغلىما
يىغلىما سەن يىغلىما
يىغلىما سەن كەلسە ئەجەل بېشمغا
يىغلىما سەن ئارقىڭدا بولسىمۇ قەستلەر
قولۇمغا ئېلىپ قەلەمنى . باشلىۋەتتىم ھېكايەمنى .
بۇ بىر گۈزەل ھېكايە ، ئەمما چىقمىغان ئىدى ، ئاخىرى .
تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى ئايرىغان ئىدى ئىككىمىزنى
سەن يوق ، بۇ تۇرمۇشقا بىلسەڭ كۈلمەك ماڭا بەك تەس كەلدى . .
دەيتىڭ دائىم ماڭا سەن مېنىڭكى بەختىم .
لېكىن ھازىر سەن يوق يېنىمدا .مەن يالغۇزلۇققا تەسلىم .
ھېلىمۇ ئېسىمدە ئاخىرقى قېتىم ماڭا قاراپ كۈلگىنىڭ
ئۆلگىنىم ياخشى ئىكەن ، سەن يوق تۇرمۇش كۆنگىنىمدىن
نالەم دۇنيا ساڭا ئازاب تارتىش تۆرەلگەنمىتىم،
بۇ دۇنياغا مەن جۈپتۈمسىز يارالغانمىدىم
دەيدىغىنىم شۇ مەندىن ۋاپاسىزنى يىراق .قىل
ئاق كۆڭۈل بىر يىگىتمەن .
ئاقكۆڭۈل ، قىزنى ھەمراھ .قىل
مۇھەببەت دەپ يۈرۈپ ئازار يېدىم نەچچە رەت .
ۋەدە بېرىپ ، ئۆز ئۆزۈمگە ئەمدى كۆڭۈل بەرمەيمەن دەپ
مۇھەببەتنىڭ ئەسلىنى چۈشەنمەك بەكمۇ تەسكەن
ئالدىراپ كۆڭۈل بۆلسەڭ ئالدايدىكەن تېگى پەسكەن،
بۇ جاھان شۇنداق ئىكەن .
سۆيۈشلەر تىلدا ئەمەس ، تىلدا ئىكەن .
بىلىپ تۇرۇپ يەنە سۆيەرسەنكەن .
ئىنسان شۇنداق ئەخمەق ئىكەن .