作词 : Abdu知名歌手
作曲 : Abdu知名歌手
ئەركىلمەڭ خېنىم
بۈسارەم تۇرسۇن لالە
قۇرغۇيۇم بار ،تورغۇيۇم بار ئەركىلمەڭ خېنىم ،
قاش ئوينىتىپ يانلىرىمدا يورغىىلماڭ خېنىم .
كىرەلمەيسىز تۆت كوچىدىن ئىسمىڭىز پوش -پوش ،
يارىم كۈنلەپ -كۈنلەپ قالار سۈركەلمەڭ خېنىم .
مودا -مودا ،مودا -مودا ئىسمىڭىز باركەن ،
پۇلى بولسا ھەر يىگىتكە مەيلىڭىز باركەن .
ئەجەپ -ئەجەپ ،ئەجەت سەتمۇ خۇيىڭىز باركەن ،
سۆيگىنىم بار ،كۆيگىنىم بار ئەركىلمەڭ خېنىم .
بۇ دۇنيادا ئاياللارنىڭ ئەسكىسى سېرىق ،
يولنى بۇزغان ئىگىسى يوق چېپىلغان ئېرىق .
بىر گۈزەلسىز ئايھاي خېنىم ئۆڭىڭىز سېرىق ،
نىگارىم بار ،جانانىم بار ئەركىلمەڭ خېنىم .