作词 : Arafat-法特
作曲 : Arafat-法特
编曲:CARIO
混音:艾热FAT
چىراق ئۆچتى، ئەتراپ قاراڭغۇ
زۇلمەتنى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى
قاراڭغۇلۇق ۋە غېرىپلىق ماڭا
يالغۇزلۇقنىمۇ ئۆگەتتى
ئۆزۈم تەنھا ئولتۇراتتىم
زۇلمەتكە تولغان كىچىدە
چۈشكۈنلىكنىڭ ئارىسىدا قالدىم
جەمىيەتكە قىلدىم تەزىيە
يۇرۇقلۇقنى كۆرەلمىدىم ھەم
ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدىم
ساددا كۆڭۈلنى قاپلىدى زۇلمەت
ئۆز كۆڭلۈمنى سىزەلمىدىم
مەنمەن نەدە، مەن زادى كىم
ئۆيدىن ئايرىلدىم چوڭ شەھەردە
مۇساپىر بولدۇم يات بۇ يۇرۇتتا
ئوڭ سول قارايمە يول نەدە
زۇلمەتكە تولغان بۇشەھەردە
پۇت قويغىدەك ئورۇن نەدە
كۆڭلۈم يېرىم بولغان چاغدا
پەپىلەپ سۈيىدىغان ئانام نەدە
مەيۈس كۆڭلۈم يىغلاۋاتىدۇ
يار يۈلەك بولىدىغان دادام يوق
ئۆزەمگە ناتۇنۇش بۇ يات يۇرۇتتا
بولماس كۆڭلۈم ھەرگىز توق
~~~
چىن دوستۇم دەپ كۆرگەن كىشىلەر
سەن ئۈچۈن ھەممىنى قىلالامدۇ
پۇل بوسا يېنىڭدا ئەتراپىڭدا
پۇل يوق چېغىڭدا يىراققا كىتىدۇ
بۇدۇنيادا ئۆزەڭدىن باشقا
ئىشەنگىدىك ئادەم بارمۇ
دوستى ئۈچۈن جاندىن كەچكەن
ئالتۇندەك ساپ دوسلۇق بارمۇ
شەخسىيەتچىلىككە تولدى جەمىيەت
پۇلنى دەپ ئاخىر ۋىجدان ساتىدۇ
مەنمەنچىلىككە بېرىلىپ ئاخىر
ئۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىدۇ
ھېچ بىر كىشى كەڭ ساپالىق
تۇغۇلمايدۇ دۇنياغا
يابولمىسا شەخسىيەتچى بولۇپ
كۆز ئاچمايدۇ جاھانغا
جەمىيەتتىكى يامان ئىللەت
ئۆزگەرتىۋەتتى ئادەملەرنى
قەغەزدەك شۇ ئاپئاق يۈرەك
قاراڭغۇلۇققا سولاندى
بۇ دۇنيا مانا مۇشۇنداق دۇنيا
ياخشىلار بوسا زارلىنىۋاتقان
يامانلار بولسا قان ئىچىۋاتقان
رەھىمسىز ھەم قاراڭغۇ دۇنيا