作词 : MSFBABY/B-Bone
 作曲 : Jaming Beats
MSF
زامان ۋە ماكان ئالماشقان بۇ جاھاندا
زادى نېمە مىزان ھەر تەرەپكە تارقالغان
سەرسان  سەرگەردان  بولۇشنىڭ ئارقىسىدا
چۇقۇم بار بۈيۈك بىر  ئارزۇ  ئارمان
زامان ۋە ماكان ئالماشقان بۇ جاھاندا
زادى نېمە مىزان ھەر تەرەپكە تارقالغان
سەرسان  سەرگەردان  بولۇشنىڭ ئارقىسىدا
چۇقۇم بار بۈيۈك بىر  ئارزۇ  ئارمان
قانچە تاڭلار ئاتقان    قانچە تاڭلا پاتقان شۇلار ئۈچۈن  تىرىشىپ قاداق باسقان ئالقان
بۇ خۇددى ۋولقان    ئۈزۈلمەستىن يانغان    ئالدىدا كۆرمىڭ  داۋان   بولسىمۇ    ئەزەلدىن ئۆچۈپ باقمىغان
چۈنكى   بىلىدۇئۇ نىشانى زادى قايان
ئىشىنىدۇ مەنزىلگە 1كۈن يېتىدۇ ھامان
ئاچكۆزلۈك   ئاخىرىدا ھەممىنى قىلدى خازان
ئويلايسەن  بەلكىم   بۇ دۇنيادا  نېمىگە  مۇھتاج ئىنسان
قاراڭغۇ ئۆي ئىچىدىكى ياداڭغۇ چىراي
موماي كېتىپ قالغاچ يالغۇز قالغان بۇ بوۋاي
پەرزەنتلەرنى   ئەسلىدە سېغىندى قانچە تالاي
ئەمما جاۋاب شۇ بولدى بىكار بولۇپ  مەن باراي
ئويلاپ باقاي ئەي شۇ بوۋايغا كېرەكمۇ ئالتۇن ساراي
ياكى پەرزەنتلىرىنى ئۇ قىلاي دېگەنمۇ مالاي
قارار قىلىدى  ئاخىرىدا جىمجىتلا كېتىپ قالاي
بۇ زۇلمەت كېچىگە ئەمدى گۇۋاھچى بولدىمۇتولۇن ئاي
ئاتا ئانىسى كېتىپ قالدى بولىدۇ ئۇ بىر يېتىم
بىلمەيدۇ ھازىرغىچە ئورۇلۇپ سوقۇلدى نەچچە قېتىم
ئوقۇيالمىدى غەملىيەلمىگەچ يېتەرلىك چىقىم
چىقىپ قالدى جەمىيەتكە كىچىك تۇرۇپلا شۇ پېتىم
ئويلىدى ئۇ قانچە قېتىم ھاياتتىن ۋاز كېچىشنى
زېرىككەنىدى بۇ پاجىئەدىن رېئاللىقتىن قېچىشنى
ئويلاپ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەنە يۈرەك ئېچىشتى  ئاچچىق سوغۇق تاۋلىدى ، ئۇنى بەلكىم ئۇمۇ يېتىشتى
تەڭشەلمىگەن ئالەمكەم بۇ قانائەتسىز ئادەم
ئوخشاش ۋاقىتتا بىرسى كۈلسە بىرسىگە بولدى ماتەم
قان تەر ئاققۇزىۋاتىدۇ بەزىلەر گۈزەل بولسۇن دەپ ئەتەم
يەنە بەزىدە ئۆكۈنۈپ دېدىمۇ مۇشۇ كەم مېنىڭ پىشانەم
M-BuzZy
زامان ۋە ماكان ئالماشقان بۇ جاھاندا
زادى نېمە مىزان ھەر تەرەپكە تارقالغان
سەرسان  سەرگەردان  بولۇشنىڭ ئارقىسىدا
چۇقۇم بار بۈيۈك بىر  ئارزۇ  ئارمان
زامان ۋە ماكان ئالماشقان بۇ جاھاندا
زادى نېمە مىزان ھەر تەرەپكە تارقالغان
سەرسان  سەرگەردان  بولۇشنىڭ ئارقىسىدا
چۇقۇم بار بۈيۈك بىر  ئارزۇ  ئارمان
ئارزۇ ئارمان يۈرەكتىن ئورۇن ئالغان
سەبىي تۇرۇپ ئوزىگە تۇرۇك يار يولەكسىز تەنھا قالغان
سالغان تۇرمۇش ئۇنىڭغا نۇرغۇن بىسىم
مەن يىتىم دىدى ئۇ قايتىلاپ ئوزىگە نەچچە نەچچە قىتىم
يالاڭ ئاياق يۇرگەن بالا ئەمدى ئاشتى داۋان
ھەمراھ ئىدى ئۇنىڭغا ئۇچۇستىكى ئەسكى چاپان
باسقان شۇ يوللىرى ئەمەس ئىدى ئانچە راۋان
كىزىپ ئوتىمەن دىدى بۇ قۇملۇقنى يالغۇز ھامان
كوزلىگەن مەنزىل رىياللىقتىن بەكلا يىراق
ئۇ لەيلىگەن دىڭىزدىن كورۇنمەيتى ئەسلىمۇ قىرغاق
قىرتاق تىتىيتى ئۇ ئىچكەن تاتلىق سۇمۇ
ئۆز ئۆزىگە پىچىرلايتى تۇرمۇش دىگەن مۇشۇ شۇمۇ
ئايلا ئوتتى يىللار ئوتتى ساقال باستى يۇزىنى
سۇغا چۇشكەن ئەكسىدىن تونيالمىدى ئوزىنى
ئۇمۇدسىز ئۇۋلاپ قوياتتى خىرەلەشكەن كوزىنى
خۇددى ئۇنۇتقاندەك ئارزۇ ئۇچۇن قىلغان سۆزىنى
MSF
زامان ۋە ماكان ئالماشقان بۇ جاھاندا
زادى نېمە مىزان ھەر تەرەپكە تارقالغان
سەرسان  سەرگەردان  بولۇشنىڭ ئارقىسىدا
چۇقۇم بار بۈيۈك بىر  ئارزۇ  ئارمان
M-BuzZy
زامان ۋە ماكان ئالماشقان بۇ جاھاندا
زادى نېمە مىزان ھەر تەرەپكە تارقالغان
سەرسان  سەرگەردان  بولۇشنىڭ ئارقىسىدا
چۇقۇم بار بۈيۈك بىر  ئارزۇ  ئارمان
MSF&M-BuzZy
زامان ۋە ماكان ئالماشقان بۇ جاھاندا
زادى نېمە مىزان ھەر تەرەپكە تارقالغان
سەرسان  سەرگەردان  بولۇشنىڭ ئارقىسىدا
چۇقۇم بار بۈيۈك بىر  ئارزۇ  ئارمان